ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
پاھىشە قىز ۋە ئوغرى يىگىت(تور پوۋىستى )


پاھىشە قىز ۋە ئوغرى يىگىت


 

(تور پوۋىستى )


 

(ئاپتور :ئەزىز ئىمىر يانغىن)


 

ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرگە ،پاجىئەلەرگە يۇلۇقۇپ تۇرىدىكەن ....ھاياتىدا بىر قەدەمنى خاتا ئېلىپلا قويىدىكەن ،پۇشايمان قىلىپمۇ ئورنىنى تولدۇرۇپ بۇلالمايدىكەن ...
ھېلىمۇ ئىسىمدە ، مەرھۇم ئانام كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ :
__ ئوبدان ئوغلۇم ، ياخشى ئوقۇغىن ،يامان ئىشلاردىن ، يامان ئادەتلەردىن ئۆزەڭنى يىراق تۇتقىن ، مىنىڭ روھىم سىنى كۈرۈپ تۇرىدۇ ، ئەگەر مىنىڭ ئارزۇيىمدىكىدەك ياخشى ئۇقۇمايدىغان   بولساڭ ....&t;_دەل شۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قاتتىق يۆتەل تۇتۇپ كىتىپ ،گىپىنىڭ ئاخىرىنىمۇ دىيەلمەستىن بىزدىن يەنى بىردىنبىر پەرزەنتى بولغان مەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئىدى . ئانامدىن ئايرىلىپ قالغان شۇ كۈنى بىر كېچە يىغلاپ چىققان ئىدىم ، ئۇلۇغ ئاللاھدىن بۇ ئىشلارنىڭ چۈشۈم بۇلۇپ قېلىشنى ،ئانامنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىشىنى ئۆتۈنگەن ئىدىم ، لىكىن ھەممە ئىشلارنى تىلەپ قايتۇرۇپ كەلگىلى ، ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىكەن . شۇنداق قىلىپ مىنىڭ بىردىنبىر يۆلەنچۈكۈم بولغان ، قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى قىلىپ دادام يوقلىقىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن(ئاپامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە دادام مەن تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندە قاتناش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن تۈگەپ كەتكەن ئىكەن ) ،مىنى ئەركە چوڭ قىلىپ قويغان مىھرىبان ئانامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدىم ...
  ئانامدىن ئايرىلىش ماڭا چوڭ زەربە بولدى .گەرچەگۈلزىرە ھەدەم ( ئاپامنىڭ سىڭلىسى )مىنى بېقىۋىلىپ ،كۈيۈنگەن بولسىمۇ يەنىلا ئانامدەك قىلىپ بۇلالمايتتى ،ھەم قىلالمايتتى . مەن ئۇقۇشتىن توختاپ قالدىم ، ھەم ئۇقۇغىنىمنىڭمۇ پايدىسى يوق ئىدى ،  گۈلزىرە ھەدەم  مىڭ قىلسىمۇ مىنى ئاخىرغىچە ئۇقۇتۇپ بۇلالمايتتى .ئۇنىڭ يەنە مەندىن باشقا ئىككى بالىسى بار ئىدى .مەن دەل شۇ ۋاقىتتا ياشقا كىرگەن ئىدىم ، دەل ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم مىنى جەمئىيەتتىن ئىبارەت چوڭ مەكتەپ ئۆز قوينىغا ئالدى .ئالدىمدا نۇرغۇن قىسمەتلەر مىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتاتتى ....
  ئۇزۇن ئۆتمەي جەمئىيەتتىكى بالىلار بىلەن تۇنۇشۇپمۇ  قالدىم .ئۇلار باشتا ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى .مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى . ئۇلاردىن تۇنجى ئالغان تەربىيەم تاماكا چىكىش بولدى .كىيىن بارا _بارا ھاراق ئىچىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم . ئەگەردە ھاراق ئىچىپ قالغان ۋاقىتلىرىم بولسا ئۆيگە قايتمايتتىم ، گۈلزىرە ھەدەمنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتىم ،ئۇنىڭ ماڭا ئۆچ بۇلۇپ كىتىشىدىن ، ماڭا قارىماسلىقىدىن قورقاتتىم . ھەي   قورققان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى .بىركۈنى بىرقانچە دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرۇپ قېلىپ ،باشقىلارنىڭ زورلاشلىرى بىلەن ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىپ ساپتىمەن .شۇ تۇرقۇم بىلەن ئۆيگە يىتىپ كىلىپ ئەمدى ياتاق ئۆيۈمگە كىرەي دەپ تۇرىشىمغا ،ئارقامدىن گۈلزىرە ھەدەم پەيدا بولدى .
__مۇرات ، قېشىمغا كىلە &t;_مەن ئاستا قېشىغا باردىم .
__ھۇي ئادەم بولمايدىغان ،كىچىككىنە تۇرۇپ ئىشەك سۈيدۈكى ئىچىپ ئۆيگە كەلگۈدەك بولدۇڭما ؟؟ ئىست ،ساڭا كۈيۈنۈپ قىلىپ كەتكەنلىرىم ، ئاناڭنىڭ ئەجرى   ئۆزەڭمۇ كىچىگىڭدىن شۇم پىشانە بالا ئىدىڭ ، سەن تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرمەي داداڭ تۈگەپ كەتتى .مانا ئاناڭمۇ كىتىپ قالدى ،ھۇي ئادەم بولمايدىغان شۇم ...ئىست ،سەندەك شورپىشانە گۇينى باققىچە نەگە بارساڭ بار دەپ ھايدىۋەتكەن بولسامچۇ ؟؟ ۋاي ئىست ،ۋاي ئىسىت ...
گۈلزىرە ھەدەم توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ توختىماستىن شۇم ، شور پىشانە دەپ تىللاشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىدىم ،ئاخىر قانداق ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن ، _ ئاغزىڭنى يۇم بۇندىن كىيىن بۇ سېسىق ئۆيۈڭدە ئىككىنچى تۇرمايمەن ، دەپ سالدىم .
    __نىمە ؟؟ تېخى ماڭا گەپ ياندۇرغىدەك بولدۇڭمۇ ؟؟ ھۇ ھايۋان ، كونىلار بىكار ئېيتماپتىكەن :<<ئادەم بالىسى باقساڭ ئاغزى -بۇرنىڭنى قان ئىتەر ، ھايۋان بالىسى باقساڭ ،ئاغزى -بۇرنىڭنى ياغ ئىتەر &t;&t;،دەپ ...ھۇي دوزىخى   ...&t;_گۈلزىرە ھەدەم شۇ دىگىنچە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ،قۇلىغا قانداق چىقىپ قالدىكىن ،يوغان توم كۆسەي بىلەن ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىمگە ئۇرۇشقا باشلىدى ....
ئېسىمنى بىلىپ تا ھازىرغىچە ئانامنىڭ مىنى بىر تەستەك سالغىنى بىلمەيمەن ، گۈلزىرە ھەدەمنىڭ بۇ ئۇرۇشى ماڭا ناھايىتى ئېغىر كەلدى . ئاخىرى چىداپ بۇلالماي گۈلزىرە ھەدەمنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتىۋالدىم .ھەم :
     __ھۇي ،رەسۋا بۇندىن كىيىن ئىككىنچى ئۆيۈڭگە كەلمەيمەن ،دەپ يۈگۈرگىنىمچە قېچىپ ئۈزۈمنى سىرتقا ئاتتىم . يۈگۈرەتتىم ، توختىماستى يۈگۈرەتتىم ...ئۈزۈمنىڭ نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتىم ، ئانامنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بۇلاتتى .كۆز ياشلىرىم ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ھاياتىمدىكى تۇنجى قەدىمنى بېسىش ئالدىدا تۇراتتىم ، ھازىر بولسا شۇ قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلماقتىمەن ، شۇ بىر قەدەم مىنى ئۆزەممۇ ئويلاپ باقمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدى ......


 

*****


 

شۇ يۈگۈرگىنىمچە ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا يىتىپ كەپتىمەن ...
    __جېنىم ئانا مىنى يالغۇز تاشلاپ قويغىچە مىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەتسىڭىز بولماسمىدى . مىنى نىمىشقىمۇ مۇشۇنداق شور پىشانە تۇغۇپ قويغان بولغىيتىڭىز ، مىنى تۇغمىغانلا  بولسىڭىز بولماسمىدى ....
ئانامنىڭ قەبرىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئاۋازىمنى بۇلۇشىغىچە چىقىرىپ يىغلايتتىم ...ئۆزەمنىڭ بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ قالغىنىمغا زارلىناتتىم ..
قانچىلىك يىغلىغىنىمنى ، قەبرە ئالدىدا قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا قارىسام پۈتۈن ئەتراپ قاپقارا لىباستىن تون كەيگەن بۇلۇپ بەكمۇ سۈرلۈك ئىدى  ، خۇددى قاپقارا بىر قول ماڭا ئاستا _ئاستا يېقىنلاپ كەلگەندەك بۇلۇپ ،مىنى سۈر بېسىشقا ، قورقۇشقا باشلىدىم . ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ، ئورنۇمدىن تۇردۇم _دە ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۈشكە باشلىدىم ، ئارقامدىن بىر نەرسە مىنى قوغلاۋاتقاندەك بىلىنەتتى ...
      __ھوي ،مۇراتقۇ سەن ، نىمە بۇنداق يۈگۈرەيسەن ؟
تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئارقامغا قارىسام مەھەلىمىز دە خېلى يۈز ئابرۇيى بار ، ئىچكىردە سودىگەرچىلىك قىلىدىغان سەمەت لوبەن ئىكەن .
__ھە ..ھە..ھېچ نىمە بولمىدى ، _ شۇنداق دەپلا ئۈزەمنى تۇتىۋالالماي ھۆكىرەپ يىغلىۋەتتىم .
__ۋوي ما بالىنى ، چوپچوڭ تۇرۇپلا قىزبالىدەك يىغلاپ كەتكىنىنى ، نىمە گەپ بولسا قېنى دىمەمسەن ؟؟ بولدى يىغلىما
سەمەت لوبەن شۇنداق دەپ مىنى بەزلەشكە باشلىدى .مەن يىغلاپ تۇرۇپ بۈگۈن بولغان بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم .
__ھە ، مۇشۇنچىلىك ئىشمىتى ، نىمە يىغلايسەن دەيمەن ، سىنى شۇنداق قىلىپ ئۆيدىن قوغلىۋەتتى -دە   ئۆزىنىڭ ئۆز ھەدىسنىڭ بالىسىنى باقالماپتۇ دە ئۇ مايماق ... بولدى ،كۆڭلىڭنى بۇزما ، بۇندىن كىيىن مەن ساڭا ئىگە بۇلاي ، ئۆزەمنىڭ بىرمۇ پەرزەنتىىم يوق ئىدى ، يېنىمدا تۇرساڭ ساڭا ئۆز بالامدەك كۈيۈنىمەن ....
     شۇنداق قىلىپ سەمەت لوبەننىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدىم ، توۋا دەيمەن ...گۈلزىرە ھەدەم مىنىڭ سەمەت لوبەننىڭ قېشىدا تۇرۋاتقانلىقىمنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ، بۇ يەرگە بىر قېتىممۇ كىلىپ قويمىدى ، ھەيران ئىدىم ، بۇ دۇنيانىڭ بۇنداق مۇرەككەپ ئىكەنلىگىنى بۇرۇن پەقەت ھىس قىلمىغان ئىكەنمەن ...
     مىنىڭ نەزىرىمدە سەمەت لوبەن ئاقكۆڭۈل ،مىھرىبان ئىدى ، بەزىدە ماڭا شۇنچىلا كۈيۈنۈشلىرىگە قاراپ ئۆزەمنىڭ تۇلىمۇ بەخىتلىك ئىكەنلىكىمدىن خۇشال ئىدىم ، پەخىرلىنەتتىم . سەمەت لوبەن بىر خىل سىرلىق ئىدى ، بەزىدە ئۆيگە ھەرخىل ناتۇنۇش كىشىلەر كىلىپ تۇراتتى ، بۇ ۋاقىتتا مىنى ۋە ئايالىنى سىرتقا چىقىرۋىتىپ خېلى ئۇزۇنلاردىن كىيىن چىقاتتى .ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىغا ھەيران ئىدىم ... ئۆينىڭ ئىچىدە نىمە سۆزلەرنىڭ بۇلىدىغانلىقىغا ناھايىتى قىزىقاتتىم .مەنمۇ كىيىن سەمەت لوبەندەك چوڭ ئادەم بولسام نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى دەپمۇ ئويلاپ كىتەتتىم تېخى
     بىر كۈنى سەمەت لوبەن تۇيۇقسىز مەندىن سوراپ قالدى :
   __ مۇرات بالام ، مىنىڭ قېشىمدا تۇرۇپ بىرەر نەرسىدىن قىسىلىپ ، كۆڭلۈڭ يېرىم بۇلۇپ قالمىغانسەن ...
  __ياق سەمەت دادا ( سەمەت لوبەننىڭ ئالدىدا شۇنداق دەپ ئادەتلەنگەن ئىدىم ) سىزدىن تۇلىمۇ خۇشالمەن ، مىنى بېقىۋالمىغان بولسىڭىز نەلەردە سەرسان _ سەرگەردان بۇلۇپ يۈرەر ئىدىم ...ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭىزنى تېخىمۇ سالامەت ، ئابرۇيىڭىزنى تېخىمۇ ئۈستۈن قىلسۇن ...&t; شۇنداق دەپ سەمەت لوبەنگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم .
    __ياخشى   مەنمۇ سەندەك ئوغۇلمنىڭ بولغىنىغا ناھايىتى خۇشالمەن ..  &t; سەمەت لوبەن شۇنداق دەپ بېشىمنى سىلاپ قويدى .
  __ھەي لىكىىن مۇشۇ يېقىندا ئىچكىرگە سودا ئىشى بىلەن چىقماقچىمەن ،ئەگەر ئىچكىرگە چىقىپ قالسام سەن نەلەردە يۈرەرسەن بالام ...
    ___نىمە ؟؟  بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . شۇ ۋاقىتلاردا سەمەت لوبەندىن ئايرىلىپ قالسام ئۈزۈمنى خۇددى ياشىيالمايدىغاندەكلا ھىس قىلاتتىم .
   __ ئەگەر خالىسىڭىز مىنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىڭ بۇلامدۇ ؟؟ سىزدىن پەقەت ئايرىلغۇم يوق ، _شۇنداق دەپ يېلىنىشقا باشلىدىم .
  __مەن تېخى سىنىڭ مەن بىلەن چىقماسلىقىڭدىن ئەنسىرەپ يۈرۈپتىمەن . ئەگەر مەن بىلەن بىللە چىقىشنى خالىساڭ چۇقۇم سىنى بىرگە ئېلىپ چىقىمەن ....
بەكمۇ خوش بۇلۇپ كەتتىم ، تېخى ئۈزۈمچە پۇزۇر كىيىنىپ ، چامدان -چامدان پۇللارنى كۆتۈرۈپ مىڭىۋاتقان ھالىتىمنى قىياس قىلىپ باقتىم ....
    شۇنداق قىلىپ ئىچكىرگە مىڭىشنىڭمۇ تەييارلىقى پۈتۈپ قالدى . ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ كىلىشنى كۆڭلىمگە پۈكتۈم -دە ، قەبرە تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم .
      بىر خىل سوغۇق شامال يۈزلىرىمنى سىيپاپ ئۈتەتتى .
 __جېنىم ئانا قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇردىڭىز مۇ ؟؟ سىزنى شۇنداق سېغىنىپ كەتتىم، چۈشلىرىمدە سىزنى ئىزدەيمەن .ھەرقېتىم سىزنىڭ سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولسا ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش ئالىمەن .. سىزنى راستىنلا بەك سېغىندىم .
سىزنىڭ دۇئايىڭىز ماڭا يىتىملىكنى بىلىندۈرمىدى ، ھازىر شۇنداق بەخىتلىك ياشاۋاتىمەن ،خۇدايىم ماڭا ياخشى دادىدىن بىرنى بەردى ...
    __جېنىم ئانا   مەن ئەتە يىراق جايغا سەپەرگە چىقماقچى بۇلىۋاتىمەن . مەن چۇقۇم جىق - جىق پۇل تېپىپ كىلىپ يۇرتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىمەن .ماڭا ئوخشاش يىتىم بالىلارنى ئۇقۇتىدىغان مەكتەپ سېلىپ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرىمەن ، مەندىن رازى بۇلۇڭ ... سىزنى مەڭگۈ سۈيىمەن ...
 ئانامنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئانامغا توختىماستىن سۆزلەيتىم .لىكىن ئانامدىن ھىچقانداق سادا كەلمەيتتى ، بۇنى كۈرۈپ كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز مەڭزىلىرىمدىن سىرغىپ چۈشۈپ ، تۇپراق قوينىغا سىڭىپ كىتەتتى ....
     ئەتىسى مەن نەچچە كۈنلەردىن ئىنتىزار بولغان ، تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىچكىرگە مېڭىپ كەتتۇق ، تۇنجى قېتىم پويىزدا ئولتۇرۇشۇم بولغاچقىمۇ قىن _ قىنىمغا پاتمايتىم ،ناھايىتى خۇشال ئىدىم ...ئۈزۈمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئېچىنىشلىق ھاياتىمنى ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرگۈزمەيتتىم ...
ئىككى كىچە _ كۈندۈزلۈك  پويىز سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،كۆزلىگەن مەنزىلىمىز چىڭدۇغا يىتىپ كەلدۇق .بىز بارغان كۈنى يېرىم كىچىدىن ئاشقان مەزگىل ئىدى ، بىز چىڭدۇ ۋوگزالىدا پويىزدىن چۈشۈپلا تاكسىغا ئولتۇرۇپ بىر مېھمانخانىغا يېتىپ كەلدۇق .ماشىندىن چۈشۈشىمىزگە بوي -بەستى ئانچە ئىگىز ئەمەس ،قۇيۇق ئۆسكەن قارا چاچلىرىنى قىسقا قىرقىتىپ ،ئوغۇل بالىلارچە ياساتقان ،قاش كىرپىكلىرى قېنىق سۈرمىلەنگەن ،ئۇچىسىغا ياقىسى چوڭقۇر ئۇيۇلغان يەڭسىز ئاق كوپتا ،كۆك رەڭلىك قېلىن ، قىسقا يوپكا كەيگەن ، بىر قاراشقا قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلىپ بولماق تەس بىر ئايال ۋە بالا ئالدىمىزغا چىقتى .ۋە ئۇدۇل سەمەت لوبەننىڭ قېشىغا كىلىپ :
    __ئەسسىلام سەمەت دادا تىنىچلىق كىلىۋالدىڭىزمۇ ؟ ،_دەپ ئامانلىق سوراشتى .ۋە ماڭا يالتتىدە بىرنى قاراپ قويۇپ سۇنغان قوللىرىمنىمۇ ئىلىك ئالماستىن قۇلۇمدىكى چامداننى ئېلىپ مېڭىپ كەتتى .
    __ھەنىم بولسىمۇ ساق _سالامەت كىلىۋاپسىز ، سىزدىن بەك ئەنسىرگەن ئىدۇق ،ئاڭلىساق شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى بىر ئاز قالايمىقان ئىكەن ، بۇ يەردىمۇ دا جىيەنسا ( چوڭ تەكشۈرۈش )قىلىۋاتىدۇ ، ئالدىنقى ھەپتە بىر بالىمىزنى نەق سو ئالغان ۋاقتىدىلا سو بىلەن تۇتىۋىلىپ بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئېلىپ چىقتۇق . ھازىرچە ماللارنى قانداق ...
ھېلىقى ئايال سەمەت لوبەنگە توختىماستىن بىر نىمىلەرنى سۆزلەپ كەتتى ، سەمەت لوبەن مىنى كۆرمىدى دەپ قالغان چېغى ، مىنى ئىما قىلىپ كۆز ئىشارىسى قىلدى . شۇ ۋاقىتتا ئايال ماڭا بىرخىل مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قاراپ قويدى ....
     شۇنداق قىلىپ چىڭدۇدىكى ھاياتىممۇ باشلىنىپ قالدى .بۇ يەرگە كەلگىنىمگە ھەش -پەش دىگۈچە بىر ھەپتىمۇ بۇلۇپ قالدى .بۇ بىرھەپتە جەريانىدا سەمەت لوبەن ئۆمرىمدە يەپ باقمىغان ئىسىل يىمەكلىكلەرنى يىيدۈرۈپ ،تېلىۋۇزىرلاردا كۈرۈپ ئاغزىمنى ئېچىپ ھەيران قالىدىغان ئىسىل جايلارغا ئاپىرىپ ئويناتتى .... .ئۈزۈمنى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم . كۆككە تاقاشقان ئىگىز -ئىگىز بىنالار ، قەۋەت -قەۋەت يوللاردا كىتىپ بارغان ماشىنلارغا ، بۇ يەرنىڭ شۇنچىۋالا تەرەققى قىلغانلىقىغا قاراپ ئاغزىمنى ئېچىپ ھەيران بۇلۇپ قالاتتىم ...   بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن ناتۇنۇش ، سىرداشسىز ئىدى ،
ئادەملىرىمۇ بىرخىل سۆرۈن ئىدى ، بىزنى كۆرگەندە بىزدىن ئۈزىنى ئېلىپ قاچاتتى ، بىنى كۈرۈپ ئۆزەمچە سۇئال قۇيۇپ ھەيران قالاتتىم ....
     بىر كۈنى سەھەردە ئەمدىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاچ يىراققا قاراپ شەھەر مەنزىرسىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتسام ،سەمەت لوبەن چاقىرىپ قالدى .
  ___مۇرات ، بۇ ياققا كىلە ،بالام   يۈگۈرۈپ دىگۈدەك قېشىغا كىلىپ ئولتۇردۇم .
  ___ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگىمۇ ھەپتە ئاشتى .يېتىپ ياتساڭ تاغمۇ توشىمايدۇ ،دىگەن گەپ بار . شۇڭا بۈگۈن سىنى بالىلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ  ئۇلارنى سەن بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ قۇيىمەن ، ئۇلار بىلەن چىقىشىپ بۇندىن كىيىن ئۇلار بىلەن بىرگە ئوقەت قىلىسەن &t;_سەمەت لوبەن بىرخىل ۋەزنىلىك سۆزلەيتتى .بۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇلىدۇ دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم .
ھەش -پەش دىگۈچە ياتاقتىكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، تاكسىغا ئولتۇردۇق .تاكسى بىزنى بىر چەت ،شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرى بىلەن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بىر جايغا ئېلىپ كەلدى . تاكسىدىن چۈشۈپ ئادەم بىلىپ بولمايدىغان بىر تار قاراڭغۇ كوچىلار بىلەن مېڭىپ ، بىر  ئۆينىڭ ئالدىدا توختىدۇق . سەمەت لوبەن ئىشىكنى قاتتىق چىكىشكە باشلىدى ھەم ئارقىدىنلا بىر كىچىك بالىنىڭ كىمۇ ؟ دەپ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
__مەن . سەمەت داداڭ ، ئىشىكنى تېز ئاچ   سەمەت لوبەن شۇنداق دەپ تۇرىشىغا ئىشىك ئېچىلىپ تۇنجى كەلگەن كۈنى ئالدىمىزغا چىققان ئايال چىقىپ كەلدى .بىر قۇر تىنچلىق -ئامانلىق سورىغاندىن كىيىن بىزنى ئۆيگە باشلىدى  .
بۇ بىر چوڭ قورۇلۇق ئۆي بۇلۇپ ، ھەر بىر ئۆي ئىچكىرى -تاشقىرى كىچىك _كىچك ئۆيلەردىن سېلىنغان ئىدى .  ھەربىر ئىشىك ئالدىدا ناتۇنۇش كىشىلەر بىز گە قاراپ تۇراتتى ، تۇيۇقسىز نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايالنى كۈرۈپ ، شۇئان ئانام ئىسىمگە كىلىپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى . بۇ ئايال شۇ ۋاقىتتا ماڭا بەكمۇ يېقىملىق كۈرۈنگەن ئىدى .

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203