تۇرمۇشتىن تەرمىلەر
ئۆمەر ئىسمائىل
()
چىن كۈلكە ھاياتنىڭ شېرىن ئوزۇقى،
چىققاچ قاقاقلاپ يۈرەك قېتىدىن.
قارايدۇ ئۇنداقلار كۈلۈپ ھاياتقا،
ئېرىيدۇ تاشلارمۇ ئىللىق مېھرىدىن.
مەۋجۇتتۇر زېمىندا شۇنداق ئادەملەر،
ئۆمرىدە بىر قېنىپ كۈلەلمەيدىغان.
ئۆزگىلەر شاتلانسا قايناپ ئوغىسى،
چاياندەك تولغىنىپ ياتالمايدىغان.
ئۇنداقلار ئالەمدىن كېتىدۇ قاقشاپ،
ئاقىدۇ ئۆلسىمۇ ئاغزىدىن زەرداپ.
مەن دەيمەن: نەقىلار شۇنداق بەندىلەر،
تۆت كۈنلۈك جاھاندا جېنىنى قىيناپ؟
()
باي بولسام ۋەياكى جاننى باقسام دەپ،
تېگى يوق قاينامغا كىرەر ئىكەنمىز.
كۆرۆنۈپ كۆزلەرگە پۇل بەك چىرايلىق،
ئۇنىڭچۈن جاندىنمۇ كېچەر ئىكەنمىز...
ئالدۇرماي زادىلا چاشقانغا كېپەك،
تاشتىن ياغ چىقىرىپ يىغار ئىكەنمىز.
يەتسە گەر شۇم ئەجەل قالاركەن ھەممە،
لەھەتكە قۇرۇق قول ماڭار ئىكەنمىز.
خەلىقنىڭ غېمىنى يېگەن مەردلەرنىڭ،
ئۆچمەسكەن ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ نامى.
تۇراركەن يادلىنىپ كۈندە نەچچە رەت،
ئەۋلادلار قەلبىدە شۆھرىتى- شانى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |