قىز-چوكانلار دىققەت
( شېئىر )
بىزدە ھازىر يوق ئەدەپ،ئەخلاق ھايا ئىنسانغا خاس،
يۈرۈش-تۇرۇش قىلمىشىمىز كەلمەيدۇ ئۇيغۇرغا ماس.
بىز قىلغان قىلىقلارنى قىلماس ساراڭ ھەتتاكى گاس،
ۋاي ئېسىت ئويغۇر تۇرۇپ بولۇپكەتتۇق ھايۋان خالاس.
ئۆلسەك قانداق بارارمىز ھەق تائاللا ئالدىغا؟
ئۇيغۇر قىزى بولۇپ تۇرۇپ ئۆز قەدرىمىزنى بىلمىدۇق،
ھەدىسىلا چەتنى دوراپ ئۇيغۇرغا خاس ئىش قىلمىدۇق.
يۈرۈپ باشتاق ئەت ئوچۇق مىللەتنى كۆزگە ئىلمىدۇق،
كىم ھايادىن ئېغىز ئاچسا كۆز ئالايتتۇق تىللىدۇق.
قايسى جاۋاپ بىلەن چىقارمىز مۇنكىر-نىكىرنىڭ ئالدىغا؟
كۆكسىڭىزنىڭ يېرىمى ئوچۇق يوق ھىساۋى كوپتىڭىز،
بىلمىدىم مايمۇنمۇ سىز سانتى كەلمەس يوپكىڭىز.
شەرمە گاھىڭىز ئىچىلىپ قالار،ئولتۇرۇپ ھەم قوپسىڭىز،
ئۆزىڭىز كىمنىڭ قىزى نەدە سىزنىڭ يۇرتىڭىز.
نېمە دەپ بارىسىز ھەشرىگادا ھەق-تائاللا ئالدىغا؟
يۈزۈڭدە بوياق ئاللا بەرگەن رەڭگى-رۇخسارىڭ قېنى،
چېچىڭ كالتە ھەم سېرىق ئەسلى چاچلارىڭ قېنى.
ئۇيغۇرغا خاس ئېسىل كىيىم ئۈستى باشلارىڭ قېنى،
ئەسلىڭگە ماس شەرمى ھايا غورۇر ۋىجدانىڭ قېنى.
قايسى يۈزۈڭ بىلەن بارىسەن ئەجداتلىرىڭنىڭ ئالدىغا؟
سىز ۋە بىزنى ئېزىزلەپ ئاللا بەردى شېرىن جان،
كۆز-قۇلاق، پۇت-قول، ئەقىل ھەم كىلىشكەن ئۇستىغان.
ئىچىش ئۈچۈن پاكىز سۇ، يىيىش ئۈچۈن تائام نان،
لېكىن بىزدە شۈكرى يوق قېنى بىزدىكى ئىمان.
نېمە كۆتۈرۈپ بارىمىز ھەق-تائاللا ئالدىغا؟
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى چىڭ تۇتماستىن قۇلاقتا،
ئالمىدەك چىرايلارنى بويىساق رەڭ-بوياقتا.
چاچ ئوچۇق بەدەن ھاللاڭ، يۈرسەك ھايۋان سىياقتا،
قانداق جاۋاپ بېرىمىز ھىسابىگادا-سوراقتا.
بارلىق قىزلار بۇ ئىشنى كەلتۈرسۇن كۆز-ئالدىغا
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |