ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئوغلانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي


ئوغلانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي


 

ئەي خۇدا بەرگەن سىېنىڭ ئىنئاملىرىڭدىن ئۆرگىلەي،
ھەق بىلەن ناھەقنى بىلگەن ئىلھاملىرىڭدىن ئۆرگىلەي.
ئەر تۇرۇپ،ئايالچە يۈرگەن ئوغلانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي،
جەمئىيەتكە پايدىسىز ئوغلانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.


 

ئاق چېكىپ،ھاراق ئىچىپ،ئاتا -ئانىسىنى ۋەيران قىلىپ،
پۇل ئۈ چۈن كوچا كويلاردا مۇساپىرنى سەرسان قىلىپ.
ھاي بالام،دەپ قىلسا نەسىھەت ئاتا-ئانىغا دەشنام بېرىپ،
قىلغان ئىشى ھايۋان كەبى ئوغلانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.


 

تىجارەت قىلغىن بالام دەپ پۇلنى بەرسە دادىسى،
پۇلدا پۇل تاپماقتا يوق،بارنى يوقاتقاي بالىسى.
پۇل قېنى؟دەپ سورىسا،مۇش كۆتەرگەي دادىغا،
تەربىيچىسنى بىلمىگەن ھايۋانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.


 

بىز ئەزەلدىن باشقىلاردەك بىھايا مىللەت ئەمەس،
چەكلىنەر ئىسلامدىمۇ ئەخلاققا زىت ئارزۇ- ھەۋەس.
نەسلىمىز ئۇ يغۇر ئېرور،ئەخلاققا باي خەلقىم پەۋەس،
شۇ گۈزەل ئەخلاقنى بىلمەس ئوغلانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.


 

يولدا چوڭغا ئەسسالام يوق،قولدىن تاماكا چۈ شمىگەن،
سۆزلىرى بەكمۇ بەزەپ ئاناڭ...ئېغىزىدىن چۈ شمىگەن.
ئۆيگە كىرگەي مەست پېتى،قولدىن ھاراقمۇ چۈ شمىگەن،
شەكلى ئادەم،قىلمىشى ھايۋانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.


 

دادىسى ھەقلەپ نىكاھلاپ،بىر خوتۇن ئېپ بەرسە يوق،
خوتۇنى ئۆيدە قىينىلار ،ئېرى ئۈ چ ۋاق غىزادا يوق.
تاپقىنىنى كوچىدا پەسكەش ئايالغا خەجلىگەي،
ئەقلى يوق،ۋىجدانى پەس ئوغلانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.


 

يا تىجارەت يا ئىبادەت،ھىچ ئىش قولىدىن كەلمىگەن،
يا ھالال ياكى ھارامنى ھەرگىز قولىدىن بەرمىگەن.
ئەر تۇرۇپ ئەركەككە خاس ئىشلار قولىدىن كەلمىگەن،
قىلچىلىك مەيدانى يوق ئوغلانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.


 

بولدى سەرگەردان بۈ گۈن ئاۋارە بولما قايغۇرۇپ،
بەت قىلىق ئوغلى كېلۇر بىر كۈن دادىغا يالۋۇرۇپ،
بارلىق ئاتا-ئانىلار يىغلار خۇداغا يالۋۇرۇپ.
ياشلارغا ئىنساپ تىلىمىگەن ئاتا-ئانىلاردىن ئۆرگىلەي.


 

 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203