ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
قىزلارغا خىتاب ( شېئىر )
قىزلارغا خىتاب
( شېئىر )
( ئاپتورى : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرىدىكى سەرگەردان )
ئاڭلىغىن ئەي قىزچاق ساڭا بىر خىتاب،
روھىڭ ۋە پاك قەلبىڭ بولمىسۇن بېتاپ.
ئەسلىڭنى، ۋەسلىڭنى ئۇنۇتما ھەرگىز،
پەزىلەت باپىدا بولما تىرىكتاپ.
قىز دېمەك كەلگۈسى ئەۋلاتقا ئانا،
مىللەت، ۋەتەنگە سەن بىر باشپاناھ.
بىر قولدا توختىماي تەۋرىتەر بۆشۈك،
يەنە بىر قولىدا تەۋرىتەر دۇنيا.
مىللەت دەپ ياشىغىن ئىپپىتىڭ بىلەن،
ۋىجدانىڭ غورۇرۇڭ، ئىززىتىڭ بىلەن.
ئەخلاقىڭ، پاكلىقىڭ زىننەتتۇر ساڭا،
تارىخىڭ ئۆلچىنەر قىممىتىڭ بىلەن.
بىز ئۇيغۇر ئەسلىدە ئۇلۇغ بىر مىللەت،
بەلكى ساقلاندى ناچار بىر ئىللەت،
ھايا ۋە ئەخلاقنى بىر چەتكە قويۇپ،
يات ئەلدىن ئاشقىننى دېدۇق مەدىنىيەت.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت
新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths