ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
سۆيگۈ سېنى يىغلاتسا ئەگەر


سۆيگۈ سېنى يىغلاتسا ئەگەر


(شېئىر)


( ئاپتورى : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرىدىكى  سەرگەردان )


سۆيگۈ سېنى يىغلاتسا ئەگەر،
ئۆزگىلەردىن كۈتمە تەسەللى.
تەقدىرىڭنى تۇتقىن قولۇڭدا،
ھېكمەت بولسۇن بۇ ئەڭ ئەقەللى.


كۆرۈنمىسۇن كۆزۈڭگە قايتا،
ئۆتمۈشتىكى شېرىن چۈشلەرمۇ.
دىلخانەڭنى بېزىمىسۇن ھەم،
ۋاپاسىز يار تۇتقان گۈللەرمۇ.


ھەسرەتلەردىن خۇشاللىق ئىزدە،
ھەسرەت دېگەن ئەسلى ھېچنېمە.
ياش ئورنىغا ئالمىشار بەخت،
جاھان شۇنداق،ئارتۇق غەم يېمە.


جىلۋىلەنسۇن ئۈمىد چېچىكى،
پۇشايماندىن ئۆرتەنمىسۇن جان.
خاتىمە بەر مىسكىنلىكلەرگە،
تومۇرۇڭدا ئۆركەشلىسۇن قان.


سۆيگۈ سېنى يىغلاتسا ئەگەر،
ھېچ كىشىگە ئېيتما دەردىڭنى.
دەس تۇرۇپ كەت يىقىلغان يەردىن،
ئېگىپ يۈرمەي يەنە قەددىڭنى.


-يىل -نويابىر يېزىلدى،ئۈرۈمچى

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203