ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ساددا، سەبىي، سۆيۈملۈك قىزچاق


ساددا، سەبىي، سۆيۈملۈك قىزچاق


( شېئىر )


چىن دىلىڭدىن سۆيدۈڭمۇ مېنى،
مېنىڭ بارلىق نۇقسانلىرىمنى؟
ئەجەپ ئىش ھە،بىلەلمىدۇق بىز،
قىش كىرگەندە كەلگەن بەخىتنى.


بىر شۈبھى بار كۆڭلۈڭ قېتىدا،
بەك رەھىمسىز ئەمەس سەن بىراق.
قىلالايسەن تاتلىق بىر خىيال،
يېقىپ قويساڭ قەلبىڭگە چىراغ.
 
مەنلا سۆيەي قىزغىنىپ تۇرۇپ،
مۇھەببەتنى ھېس قىل ئامرىقىم.
چۈشەن مېنى مەيۈس دىلىڭدا،
تەشۋىش ئىچرە  ئۆتەر ھاياتىم.
 
مەن ھېس قىلىپ تۇرىمەن بۇندا،
بۇ يېگانە، مەغرۇر ئۆزۈمنى.
بۇزۇلمىسۇن كۆڭلۈڭ بەزىدە،
كۆرۈپ مېنىڭ زەئىپ تۇرقۇمنى.
 
سۆيۈپ قالما مېنى چوڭقۇرلاپ،
يىرگىنىچلىك ئەبلەخمەن شۇنداق.
مەنلا سۆيەي سېنى بىر ئۆمۈر،
ساددا، سەبىي، سۆيۈملۈك قىزچاق.


( ئاپتورى : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنىرىدىكى سەرگەردان )

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203