ئاھ ئۇرما ۋەيەنە چەكمىگىن ھەسرەت
( شېئىر )
ئاھ ئۇرما ۋە يەنە چەكمىگىن ھەسرەت،
بـۇ ھـايات ئـۆرتەيـدۇ قەلـبنى ئـەبەت.
بىـز يىتىـم ئەمەسمىز، قەلبىـمىز ئەمما،
ھەر دەقىق يىتىملىك ئىلكىدە پەقەت.
ئاھ ئۇرما ۋە يەنە چەكمىگىن ھەسرەت،
نـەپرەتلىـك نەزىـردە كۆز تىـكمە يەنە.
قېنى ئۇ بىز كۈتـكەن بەخت سائادەت؟
ئالداندى ئادەمـلەر، ئالدانـدى ھەممە.
ئاھ ئۇرما ۋەيەنە چەكمىگىن ھەسرەت،
مۇزىـكا ئىگىـلەپ كەتـسۇن قەلبنى.
تەلۋىلىك بۇ پەيت كۈتۈش سۆيگۈنى،
تەلۋىلىـك بۇ پەيت كـۈتۈش ئامەتنى.
ئاھ ئۇرما ۋە يەنە چەكمىگىن ھەسرەت،
تاڭ سەھـەر قايغۇرۇپ يىغـلىماقتىمەن.
تەغدىردىن ئۆكۈنۈش بىھاجەت ھامان،
سارغايدى ياپراقلىرىم بۈگۈنىم بىلەن.
ئاھ ئۇرما ۋە يەنە چەكمىگىن ھەسرەت،
پەرىشان قەلبىمگە تۆكۈلدى كۆز ياش.
بىـر ۋاراق قەغـەزگە سىغـمايدۇ يـۈرەك،
بـۇ پەيـت بارمىـدۇ مـاڭا قەلىبـداش؟
( ئاپتورى : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرىدىكى سەرگەردان )
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |