ۋەتىنىم ئۆسمۈرلىرىگە
( ئاپتورى : ئابلىمىت ئىبنى )
ئىنسانلار دۇنياسى ئاجايىپ دۇنيا،
ھەرسائەت، ھەرمىنۇت خەلقىڭنى ئويلا.
بۇ دۇنيا ئۆتەڭدۇر مۇئمىن، كاپىرغا،
جەننەتنى ئىزلىگىن ئىسلامنى بويلا.
ئىسلامنى چۈشەنمەي بەزى نادانلار،
ئارقىدا قالدۇردى بىزنى ئۇ دېدى.
ئەجەبا مۇھەممەت... يۈسۈپ بوۋاملار،
شان شەرەپ قالدۇردى مۇسۇلمان ئىدى.
مەن ئۆزەم مۇسۇلمان دىنىم ئىسلامدۇر،
قولۇمدا قۇرئانىم دىلىمدا ئىمانىم.
ئەسلەيمەن ھەر دائىم ئىگەم ئاللاھنى،
قۇرباندۇر يولىدا جىسمۇ ھەم جانىم.
ئىلتىجا
ئىنساننى- ئىنسانغا قۇل قىلمىغىن ئاللاھ،
بىز پەقەت ئەبەدى ئۆزەڭنىڭ قۇلى.
يانمايمىز مەڭگۈ گە بۇ ھەققانىيەتتىن،
تونۇدۇق شۇ ئىكەن ئەسلى نىجادلىق يولى.
((ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى.
ئاللاھ سىلەرگە، شۈكرى قىلسۇن، ئويلىسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى.))
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |