ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
پۇلنى بۇزماڭ بۇرادەر


پۇلنى بۇزماڭ بۇرادەر


( ئاپتور : ئابلىكىم )


پۇل تاپسىڭىز ھالالدىن توغرا يولغا ئىشلىتىڭ،
بۇزۇپ چاچماڭ،نەزىرگە تۇغۇلغان كۈن بەزمىگە.
نۇرغۇن بايلار بار بىزدە پۇل تېپىشقا ئېپى بار،
توغرا يولغا ئىشلەتمەس شۇڭا قاتتىم نەزمىگە.


بەزىلىرى پۇل تاپسا بارار نەچچە ھەجىگە،
بەزىلەرنىڭ يەتمەيدۇ كۈندە مىڭ كوي خەجىگە.
بەزىلىرى ئويلاشماس كىرىم بىلەن چىقىمنى،
ئولتۇرغان ئۆي جايىنى ھېسابلىدى قەرىزگە.


بەزى بايلار پۇل تېپىپ ئاينىپ كەتتى بىراقلا،
رېستۇراندا مەست قىلدى ئۇنى لاپلاپ چىراقلا.
يەنە بەزى بايلىرىم پۇلنى تېپىپ ئازراقلا،
خوتۇنىنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالدى بىراقلا.


ئارىمىزدىن بەزىلەر پۇل تاپماقنىڭ كويىدا،
ھالال بىلەن ھارامغا ئۆلچەم يوقتۇر ئويىدا.
توشۇپ نەشە،خىروئىن ئەتكەسچىلىك يولىدا،
نابۇت بولدى نۇرغۇن ياش شۇ ئىبلىسنىڭ قولىدا.


بەزىلىرى توغىردىن تۆت بەش مىڭ كوي پۇل تېپىپ،
ئۆزلىرىچە كۆرەڭلەپ ھەر تەرەپتىن يول تىپىپ.
ئاق كۆڭۈل شۇ دېھقاننى ئۆزلىرىچە گول تىپىپ،
مىسنى ئالتۇن دەپ ساتتى ھارام يولدىن پۇل تېپىپ.


بەزى بايلار پۇل تېپىپ شىركەت قۇردى يىڭىدىن،
بەزىلىرى پۇل تېپىپ بىنا سالدى يىڭىدىن.
بىنالىرى ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلدى كىم ئۈچۈن،
ئويغۇرلاردىكى ئىشسىزلار خىزمەت تاپسۇن يېڭىدىن.


بايلىرىمغا ئىلتىماس پۇلنى تېپىڭ ھالالدىن،
ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ خىروئىندەك ھارامدىن.
ھالال تاپقان پۇللارنى توغرا يولغا ئىشلىتىڭ،
ھارام يولغا پۇل خەجلەپ بولماڭ ھەرگىز قارامدىن.


ئەي قەدىرلىك ئۇيغۇرۇم بالىلىرىڭىز ئوقۇسۇن،
ئىدىيەڭدە قالاقلىق خائىشلىرى يوقۇسۇن
بۇرۇنقىغا ئوخشىماس كومپيۇتېر دەۋرى بۇ،
مۇرات سېنىڭ بالاڭمۇ بىكار يۈرمەي ئوقۇسۇن.

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203