ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
جان ئوغلۇم ( مۇھەممەتجان سەيدۇللا )


جان ئوغلۇم


 

( مۇھەممەتجان سەيدۇللا )


 

بىر چوغ بار قەلبىمدە پىلىلداپ تۇرغان،
ئۇ سېنىڭ قەلبىڭدە كۆيگەي بوپ يالقۇن.
بىر ئېقىن بار يەنە شىلدىرلاپ تۇرغان،
ئۇ سېنىڭ قەلبىڭدە كۆتۈرگەي شاۋقۇن.


 

جان ئوغلۇم، داداڭنىڭ ئارمانلىرى كۆپ،
دىمەيمەن ئۈستىڭگە ئالغىن ھەممىنى.
كۈن كېلەر ۋەتەننىڭ، ئەلنىڭ بېشىغا،
تىلەيمەن، ئەل ئوغلى بولسۇن دەپ سېنى.


 

بىلەمسەن، نەقەدەر كۆيەرمەن ساڭا.
سىېنى دەپ ھەتتا نوم، ئىنجىل ئوقارمەن.
ۋەتەن دەپ سەن قىلىچ ئالساڭ قولۇڭغا،
ئەمما مەن ئېتىڭنى ئۆزۈم توقارمەن.


 

تىزلانسام ناۋادا دۈشمەن ئالدىدا،
ئىشەن، مەن سېنى دەپ شۇنداق قىلارمەن.
جەڭ پەيتى مۆكۈنۈپ ياتساڭ دالدىدا،
مەن ئاۋال ئەنتىمنى سەندىن ئالارمەن.


 

قۇل بولساڭ ئاللاھنىڭ قۇلى بول ئوغلۇم،
ھۆر بولساڭ بولغايسەن ئەبەدىل- ئەبەت.
ئاقمىغاي قان بولۇپ ئىككى كۆزۈڭدىن،
مىللىتىم دىگەن شۇ ئىككى بوغۇم خەت
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203