كۈز
( شېئىر )
( ئاپتورى : سىم. دۇگايى )
يېشىللىق ئەتىگە ئامانەت قالدى،
زىمىندىن كۆككىچە سېرىق رەڭ ئالدى.
تۆكۈلەر تۇپراققا شاراقلاپ ياپراق،
ئۇھ تارتىپ ئېقىنلارغەمكىن كۈي چالدى.
دەر يالار يۈزىدە جىلۋە ئاقىدۇ،
خىلۋەتلەر نەملىشىپ باخرىن ياقىدۇ.
غېمى يوق قوياشنىڭ نۇرىمۇ سېرىق،
سارغايغان ئالەمگە قىيا باقىدۇ.
يىراقتىن كۆچۈپلا كەلگەندەك باغلار،
تەۋرىنىپ ياندىشىپ سىلجىيدۇ تاغلار.
ئۆچەككە ئەلدىرار شاپاشلاپ بۇ دەم،
شەرەپكە كۆنۈككەن ئەتىۋار چاغلار.
كەچلىرى يەرشارى ئەسنەيدۇ ئاستا،
گىرۋەكسىز ئۇپۇقلار يانپاشلىماقتا.
ئالتۇنغا ئايلىنار كۆز كۆرگەن نەرسە،
مۈگدىگەن خىياللار ئويغىنار قايتا.
جاناننىڭ نازىغا ئوخشايدۇ دەملەر،
تۇتقۇزماي ئۆتىدۇ كۈدۈزى كۈنلەر.
مەنىلىك تەسەۋۋۇر ئەۋەتىپ تىنماي،
كەلمەكتە يۇلتۇزى كېمەيگەن تۈنلەر.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |