ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
بىركۈنى ( مۇھەممەتجان راشىدىن )


بىركۈنى


 

( مۇھەممەتجان راشىدىن )


 

بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان  بولسا، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.


 

گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.
ئات بولغۇچە ئاتال، تاي ھەريان چېپىپ باقمامدۇ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا  يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى.


 

ئاقنى چەككەن ئاغزىدا ئۇقۇپ ئەپسۇس پۇشايمان،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى.
بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر، كوچىلارغا تۈن بۇيى،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.


 

تەييار توقاچ قۇلۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى.
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ، ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى.


 

كۆندۈرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا شۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى.
بىز ئوينىغان نورۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى.


 

پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا،
يۈرۈكۈڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا - ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
ئوغۇل - قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىركۈنى.


 

شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۈلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.
يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بېرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203