مىللەت
( شېئىر )
نۇمۇستۇر مىللەتكە تىلدىن ئايرىلىش،
ئازاپتۇر يۇرتىدىن تىرىك ئايرىلىش.
تۇز كورلۇق بولمامدۇ مىللەتنى سۆكۈش،
ھە. دىسە داد خورلۇق قىلىپ زارلىنىش.
ئەسلەپ باق ئاۋۋال سەن كەچمىشلىرىڭنى،
ئەپ كەلدىڭ ئەل يۇرۇتقا قانداق نىئمەتنى.
ھايۋانلار تۇياقتىن... ئادەم قۇلاقتىن،
نەسىھەت ئوڭشايدۇ ھەممە ئىللەتنى.
يامان دەپ زارلىساڭ ياخشى مىللەتنى،
بىرەمدۇ ئۆزگىلەر ئويلاپ باق شۇنى.
مىللەتنىڭ شۆھرىتى، سىنىڭ شۆھرىتىڭ،
ئەسقېتىپ قالىدۇ ھامان بىر كۈنى.
ياتلارنىڭ شەھرىدە سەرسان بولغاندا،
ئويلاپ باق يۈرەكلىك چىقامدۇ تىنىق.
تاش ئەزىز بولغاندە چۈشكەن يېردە،
مىللەتتىن ئايرىلساڭ قۇرۇيسەن ئېنىق.
ئايرىيسەن، قەشقەرلىك، خۇتەن قاغىلىق،
كاۋاپ يەپ چوڭ بولغان تەلۋە ئاقسۇلۇق.
تۇرپانلىق تومپايكەن، ئاتۇشلۇق پىخسىق،
ئېيتقىنە ئەي ئىنسان، زادى نە ئۇلۇق.
يۇرۇتۋازلىق روھىڭنى چۇلغاپ چەمبەر چاس،
تىل سېلىپ ھەممىگە بەرمىگىن ئازاپ.
بىز شۇنداق سىغىشماي، چېقىشىپ يۈرسەك،
ئۆزگىگە بولمامدۇ يۇرتىمىز بازار؟
سەن، نەلىك مەن نەلىك دىمە بولدى قىل،
قېرىنداش ھەمىمىز سىغمايدۇ ھەم قىل.
قېنىمىز ئۇيغۇرنىڭ... دىنمىز ئىسلام،
ئۆزگەرمەس ھەقىقەت دوستۇم شۇنى بىل.
جاھاندا مىللەتنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن،
مىللەتنىڭ يولىدا قان بولۇپ ئاققىن.
تەلمۈرۈپ ئۆزگىدىن شەپقەت تىلمە،
ئۆلسەڭمۇ، ئەل يۇرتنىڭ باغرىدا ياتقىن.
( مەنبە : قەشقەر ئەدبىياتى -يىل -سانىدىن ئېلىندى )
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |