مەن مۇشۇنداق كادىر
( شېئىر )
مەن كادىر، خېلى چوڭ ئاتىغىممۇ ھەم،
ھەيۋەم بار، ئېچىلماس قاپىغىممۇ ھەم.
ئۆزەم توق، تۇرمۇشۇم خېلى باياشات،
بىھاجەت پۇقرادىن يىيىشىممۇ غەم.
مەن كادىر، مۇئاشىم خېلى جايىدا،
مۇكاپات ئالىمەن تېخى گاھىدا.
دىھقانلار ئېتىزدا تومۇزدا كۆيسە،
تاماشا كۆرىمەن تۇرۇپ سايىدا.
مەن كادىر، بىلىمەن ( ئىشنىڭ ئېپىنى )،
بىلىمەن باشلىقنىڭ ئېپى - جىپىنى.
شۇڭىمۇ غىڭ قىلماس خاتا قىلساممۇ،
ئاڭلىماي قويساممۇ بەزەن گىپىنى.
مەن كادىر، يىسەممۇ دېھقان نېنىنى،
ئاياشنى بىلمەيمەن ئۇنىڭ جېنىنى.
تۇتاملاپ بەرسىمۇ چالا قالغاندەك،
ئاختۇرۇپ باقىمەن ئۇنىڭ يېنىنى.
مەن كادىر، نەپ كۆزلەپ كىتەلمەيدىغان،
دېھقاننىڭ ھالىغا يىتەلمەيدىغان.
خۇلاسەم: باشلىغىم مىنىڭدىنمۇ دۆت،
پارازىت كادىردىن كىچەلمەيدىغان.
( ئاپتورى : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئاۋاق )
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |