ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
خەقنىڭكىدە قونۇپ قالغان قىز( مۇھەممەتجان راشىدىن )

 


 

خەقنىڭكىدە قونۇپ قالغان قىز


 

( مۇھەممەتجان راشىدىن )


 

توختىكامنىڭ ئىشىك ئالدىدا ،
پەيدا بولۇپ قاپتۇ بىر بۇۋاق.
مەھەللىگە پۈر كەتتى گەپ-سۆز،
ئەل ئاغزىدىن ئېچىلدى تۇۋاق.


 

مەزىن بىلەن ئىككى ، ئۈچەيلەن،
كۆمۈپ قويۇپ كەلدى ئۇنىمۇ.
قەبرىلىمەي قىلدى قانداق ،
بۇنداق ئىشلار پەقەت شۇلىمۇ ؟


 

يېقىندىلا تىنغان سۆز -چۆچەك،
باش كۆتۈردى يەنە بۈگۈنمۇ.
-بىزگە بەكمۇ ئۇياتقۇ،-دېدى،-
چىقسا يەنە ئەتە- ئۆگۈنمۇ


 

بۇ ئىشقىمۇ ساقچى لازىممۇ،
ئۆزى چۈشتى ئەل -يۇرت ئىزدەشكە.
مەھەللىدە ھەر قورا ، ھەر ئۆي،
تولۇپ كەتتى سۇئال ، ئۈندەشكە .


 

تەگەشمىگەن ئادەم قالمىدى ،
ھەر دوقمۇشتا ھەردەم كۈتۇلداش .
بېشى چۈشتى قىزى بارلارنىڭ ،
قىزلىرىدا يەنە سوكۇلداش.


 

كىرمەيدىغان بولدى كوچىدىن،
دېمىسىمۇ تالاي ئوغۇل-قىز.
تۈندە قايتار ئۆيگە بىرلىرى ،
بىرلىرىدىن قالدى خۈنۈك ئىز.


 

تېگىپ ئۆتتى گۇماننىڭ ئوقى ،
قىزلار تۈگۈل جۇۋانلارغىمۇ.
شۈبھىلەندى تۇل خوتۇنلاردىن،
ئاسماق بولدى تۇتۇپ دارغىمۇ .


 

سەتەڭلەرمۇ قالمىدى چەتتە،
تۇغۇپ تاشلاپ يۈرگەن دەپ شۇنداق .
قاچۇرىدۇ گۇمان ئىماننى،
بەلكىم ھەممە ئەمەستۇر ئۇنداق.


 

ئۇنى ئويلاپ بۇنڭ ئەسلىشىپ،
يەنە كەلدى ئۇلار قىرلارغا.
كېچىلەردە شۇلاردىن قالغان،
كۆزى چۈشتى كونا ئىزلارغا .


 

كەلدى ئۇچۇر دوختۇرخانىدى،
دېمەك ، ئاخىر يېشىلدى گۇمان.
كۆلەڭگۈنى كۆمۈپ بولامدۇ،
يەلپۈگەنگە تارقامدۇ تۇمان ؟


 

بوۋىقىنى تاشلىغان بىلەن ،
ئاغرىقىنى بولامدۇ تاشلاپ ؛
دېمەك ،ئۇنى دوختۇخانىغا ،
بارغانىكەن ئاغرىقى باشلاپ.


 

بولۇپ چىقتى بوۋاق ئانىسى،
بالنىتسېدا بولۇپ قالغان قىز.
ئاقىۋەتتە شۇنداق بولاركەن،
خەقنىڭكىدە قونۇپ قالغان قىز.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203