ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ياماندۇر ( مۇھەممەتجان راشىدىن )


ياماندۇر


 

 مۇھەممەتجان راشىدىن


 

سۆيۈشتىمۇ سۆيۈش بار، سۆيۈپ قاچقان ياماندۇر،
كۆرۈنگەننى يار تۇتۇپ كۆڭۈل ئاچقان ياماندۇر.


 

دۇغ چىنىنى چايقىماي، تىكەنلىكنى بايقىماي،
كۆرۈپ تۇرۇپ قوقاسنى قەدەم باسقان ياماندۇر.


 

ئىشىكىنى بى مەھەل بىرى قاقسا سۆيگۈنىڭ،
ئون يەتتىگە يەتمەستىن ئىشىك ئاچقان ياماندۇر.


 

قاردا قالغان ئاشلىقتەك ۋەيران بولۇپ ئەقىدە،
كۈلۈپ يۈرەر كۆزلەردىن كۆزياش ئاققان ياماندۇر.


 

قانچە كۆڭۈل ئالدىنىپ، ھېجىر بولدى چىنىسى،
پۇشايماندا ياش قىزلار يىغلاپ ياتقان ياماندۇر.


 

يۈگۈرۈپ كەتمەڭ ياشلىقتا شېرىن سۆزلەر كەينىدىن،
سۈڭەككىمۇ، بەزگىمۇ ئۆزىنى ئاتقان ياماندۇر.


 

سەۋدا تولا سۆيگۈدە، بى ئەقىللەر بىلمەيدۇ،
ئاسمان كۆرمەي پەرۋازغا قانات قاققان ياماندۇر.


 

ئېچىپ قويۇپ ئېچقنى، سۇ باشلىماس بەزىلەر،
ئۇنۇماي ھەم تونۇماي پەشنى قاققان ياماندۇر.


 

بەزىلەرنىڭ قەلبىدە ئاگاھ بولۇڭ قاپقان بار،
چاشقان چۈشكەن قاپقاندىن شۇنداق قاپقان ياماندۇر.


 

تەنتەك تەرگەن تېرىقمۇ قۇشقاچلارغا يەم ھامان،
تەنتەك كۈتسە ئاسماندىن، مۆلدۈر ياققان ياماندۇر.


 

قارغىش تولا تۈلكىگە، دوزاختىدۇر جايىمۇ،
چۈنكى، قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتقان ياماندۇر.


 

تونۇرىغا سۆيگۈنىڭ ئەسلى ئاق نان ياققۇلۇق،
كۈتمىگەندە كىملەردۇر زاغرا ياققان ياماندۇر.
 

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203