ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن
ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن
( ئاپتورى : لاتا )
ئەسقاتمىغان بىزلەرگە ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن ،
نەگە بارساق قەدرىسىز بىچارە تىل يوقالسۇن.
كىم كايىدى بىزلەرگە ئۆگەنگىن تىلىڭنى ،
ئارىمىزدا رولى يوق ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن .
نۇمۇس قىلىپ بۇنىڭدىن سۆزلىمەيلى ئۇيغۇرچە،
جىسمى قۇرۇق ناكەس تىل ئېڭىمىز دىن يوقالسۇن.
پەخىرلەنمە ھەرگىزمۇ مەھمۇد مىنىڭ بوۋام دەپ،
كىم بىلىپتۇ تارىخنى ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن .
نەگە بارساق ئويۇندۇر ئويۇن يەنە ئويۇندۇر ،
ئويۇنلارغا پۇتلاشقان ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن.
بولدى ئەمدى تەمتىرمەي خەنزۇنىلا سۆيەيلى،
تىلىم بىلەن ئىلىممۇ ئۇيغۇرمۇ ھەم يوقالسۇن.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت
新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths