ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
ئۆلسەڭ ئۆلگىن تىز ئانا ( ئاپتورى : لاتا )


ئۆلسەڭ ئۆلگىن تىز ئانا


 

( ئاپتورى : لاتا )


 

تۇغۇپ قويدۇڭ سەن مىنى باقتىڭ لىكىن سەن ئانا،
ئارلاشمىغىن ئىشىمغا قېرىپ قالدىڭ سەن ئانا.
 
نىمە ساقلاپ تۇن بويى ئولتۇرىسەن بالام دەپ،
ئۇخلا ۋەرگىن كۆزۇڭگە كۆرۇنمىگىن سەت ماڭا.
 
كىرىۋېلىپ كۆزۇمگە،سورۇنلاردىن ھاي دەيسەن،
سەن نىمىتىڭ ئالدىمدا ئۆز مەيلىمگە قوي ئانا.
 
شۇنداق ئويناپ كۇلۇپلا ياشايدىغان جاھان بۇ،
قادالمىغىن مىخ بولۇپ كۆزلىرىمگە سەن ئانا.
 
كىسەل بولساڭ يېتىۋەر سېنىڭ بىلەن كارىم يوق،
مەن مۇشۇنداق ياشايمەن تاماشانى كۆر ئانا.
 
ۋاقتىڭ كەلسە ئەجەل شۇ ياتار جايىڭ قەۋرىگاھ،
ئوغلۇڭ لاتا خوش بولار ،ئۆلسەڭ ئۆلگىن تىز ئانا.

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203