يارىتايلى (كەيفاڭنى)
( ئاپتورى : لاتا )
نىمە قىلدۇق ئۇيغۇر ئۇچۇن؟ ساتتۇق غورور - ئىماننى،
بۇلاپ -تالاپ ئۇيغۇرنى ، غوجام دىدۇق ,"يامان"نى.
تۈھپە كەلسە "ئۆزۈم""دەپ ، ئارنۇمۇسقا ئۇيغۇر دەپ،
داۋراڭ سېلىپ "مىللەت "دەپ ، كەلتۈردۇك قىز جۇۋاننى.
ئۈگەنمىدۇق ئىلىم-پەن ،ئەمىلى ئىش قىلمىدۇق،
بىكار قالساق مۇنبەردە ،تاسقاپ يۈردۇق جاھاننى.
گەپنى قىلىش بەك ئاسان ، ئەمىلىيەت باشقىچە،
كىم پىكىرداش ،بولمىسا قويىۋەتتۈك ،زۇۋاننى.
پىلانىمىز ئۇلۇغۋار ، ئىشقا ئاشماس ۋەدە بار،
تەۋرىتەلمەي بىر تال <قىل&t; چىقىرىمىز بۇراننى.
ئۆزگىلەرنى ئۇلۇغلاپ ،سېسىتىمىز ئۇيغۇرنى،
<ھەقىقەت &t;دەپ سۆزلەيمىز ،قىلغان يامان گۇماننى.
ئەيدىز باستى .ئۇيغۇرنى بىزلەر <كەيفاڭ&t; بولغاچقا،
يىتەر ئەمدى ،ئۇيغۇرغا سېلىپ بەردۇك بۇ جاننى.
غاجاپ - غاجاپ مىللەتنى، كۆپەيتەيلى ئىللەتنى،
يارىتايلى بىرلىكتە، ئەركىن <كەيفاڭ &t; زاماننى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |