مۇھەممەتجان راشىدىن
بېرەتتىمغۇ مەن ئۆزۈم تەبىرىنى ، ئەزىزىم ،
ئېيتىپ يۈردۈڭ نېمە دەپ كۆرۈنگەنگە چۈشۈڭنى ؟
بەزىلەرنىڭ ، بىلمەمسەن ، كۆزى يامان ئەزەلدىن ،
گەپ سورىسا نېمىشقا كۆرسىتىسەن چىشىڭنى ؟
ئادەم بارمۇ ئۆگزەڭدە ، غىچىلدايدۇ تۇرۇسۇڭ ،
مەھەللەڭدە يوق ئەمەس بىزنى ماراپ يۈرگەنلەر .
ئۆتۈپ كەتتى دۈكۈلدەپ ئىشىكىڭدىن كىملەردۇر ،
ھەيران ئىكەن بۇ ئىشقا ھەتتا ئۇنى كۆرگەنلەر .
يالغۇز قۇيۇپ بەرگۈم يوق سېنى ، گۈلۈم بازارغا ،
بازار دېگەن يامان يەر ئادەم تولا ، كۆز تولا .
ئەلمىساقتىن دۈشمەننىڭ تاپمايدىغان گېپى يوق ،
چىرايلىقنىڭ كەينىدىن چۆچەك تولا ، سۆز تولا .
ئالتۇن زەنجىر ئاستىغا تۇمار ئاسساڭ ياخشىدى ،
ئۇنىمايسەن ئەزەلدىن مەن دېگەنگە بىراقتا .
باش- كۆزۈڭدىن سەدىقە ، خەيرى- ئېھسان بېرىپ تۇر ،
بالا- قازا ، ئىلاھىم ، سەندىن يۈرسۇن يىراقتا .
مەن بارمىغان تويلارغا بارما دېگۈم كېلىدۇ ،
چىراي ئاچما بارساڭمۇ ، كۆرۈنگەنگە جىلمىيىپ .
سالام- سائەت باشقا گەپ ، جىلمىيىشلار باشقا گەپ ،
ئەرزان كۈلكە-تەبەسسۇم ئەلمىساقتىن بىر ئەيىپ .
ئەلدىن سېنى ، ئامرىقىم ، قۇرۇغىنىم قۇرۇغان ،
بوي تارتىپتۇ ئويلىسام ، مېنىڭدىمۇ كۈنچىلىك .
لىللا تۇرۇپ ئېيتقىنا ، سېنى چىندىن سۆيمىسەم ،
سەۋدايىدەك ھەر كۈنى سۆزلەمدىمەن مۇنچىلىك ؟
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |