ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
elan
رۇبائىيلار (ئابدۇرېھىم زۇنۇن)


رۇبائىيلار


 

ئابدۇرېھىم زۇنۇن


 


دوست بولمايمەن ئەلگە قاپاق تۈرگەنگە،
دوست بولمايمەن دوستقا ئىتتەك ھۈرگەنگە.
دوست بولمايمەن خۇشامەتتە كۈلگەنگە،
كۆڭلى قارا، نەپ قەستىدە يۈرگەنگە.


 

ھەر كىتاپ دېڭىز، بار ئاستىدا ئۈنچە،
شۇ دېڭىز تېگىگە چۆك سەبىي-غۇنچە
شۇڭغىساڭ غەۋۋاستەك قانچىلىك تېرەن،
بولىسەن ئىگە نەپ، بايلىققا شۇنچە.


 

تىرىشچان كىشىنىڭ يولى تۈز، راۋان،
توسالماس ئالدىنى مەڭگۈ تاغ داۋان.
تىرىكتاپ-ھورۇنلار ئانا يەرگە يۈك،
ئەجىرسىز ئادەملەر قەدىرسىز ھامان.


 

ئۈمىدنىڭ شامىنى ئۆچۈرمە ھەر چاغ،
ۋايساشتىن يۈرەككە ئۇيۇپ كېتەر داغ.
چىداملىق .ەر ئۈچۈن ھايات يولى كەڭ،
ئىجتىھات قىل، قۇچاق ئاچار گۈزەل باغ


 

ئاپتاپتا تاۋلىنىپ پىشىدۇ يولغۇن،
شۇ سەۋەپ تىغ-نەشتەر ئۇرالماس جۇدۇن.
ئەل بىلەم ھەمدەم سەن جاپا-راھەتتە،
ھەر قانداق ئەلەمدە باغرىڭ بولماس خۇن.


 

قوشكېزەك ياخشىلىق بىلەن يامانلىق،
ئەلگە مۇشت تەڭلىگەن كۆرمەس ئامانلىق.
ساتىدۇ ئاخىرى غۇرۇر، چىجداننى،
ۋەتەننى سۆيمىگەن ئەسلى نادانلىق.


 

بەزىلەر يۈز ساتتى پايدا-نەپ ئۈچۈن،
بەزىلەر جېنىدىن كەچتى ھەق ئۈچۈن.
قاراپ باق، ئەل-ۋەتەن سۈيىدە ئېقىپ،
كۆكلىدى كۆرەشكەن ھامان خەلىقچۈن.


 

تەرك ئەت ئۆمۈرلۈك ھەسرەت چېكىشنى،
ئۇنۇتما باھاردا كۆچەن تىكىشنى.
قايچاڭنى تاشلىماي باغۋەن بولۇپ ئۆت،
ئويلىساڭ گەر كۈزدە مېۋە يېيىشنى


 

خالايىق «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دەر،
كىم چۆكسە دېڭىزغا، شۇ سۈزەر گۆھەر.
ئۆتىدۇ بىر ئۆمۈر ئەلگە يۈك بولۇپ،
ئىزدەنمەس، تىرىكتاپ بولغان ھورۇن ئەر.


 

بۈركۈتنى توسالماس شىددەتلىك بوران،
تۇلپارغا داڭگالغا بىلىنمەس داۋان.
باغلىساڭ گەر جۈرئەت كەمىرىنى چىڭ،
مەنسۇپتۇر ساڭا بار ئۇتۇق،زەپەر-شان...


 

شۇنى بىل،پۇل تېپىش، باي بۇلۇش شەرەپ،
سوقمىسۇن يۈرىكىڭ پەقەت پۇللا دەپ.
پۇلمۇ تاپ،ئەڭ ئاۋۋال ئەقىل تاپ،يۈز تاپ،
كەتمىسۇن پۇل،شۆھرەت ۋىجدانىڭنى يەپ


 

كەڭ ئالەم بىر نەققاش، ئادەملەر ئەسەر،
بېرەر ھەر ئەسەر سىر-ھېكمەتتىن خەۋەر.
ئەسەرلەر ھەر خىل،ھەر كۆڭۈل بىر دۇنيا،
شۇ دۇنيا سىرىنى قاچان،كىم يېشەر.


 

كۆرۈنمەي ئىلىم-پەن بېغىدا قاراڭ،
«ھەممىنى بىلدىم» دەپ،كۆتۈردۈڭ داۋراڭ.
مېۋىسى بۈگۈن پۇل؛بىل، ئەمەس باراڭ،
تېز يان، بار ئالدىڭدا تەكتى چوڭقۇر ھاڭ

 

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203