ئالىم بىز بلوگى

يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى «بەش» توغرىسىدا

يېڭى يېزا قۇرۇشتا ‹‹بەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بەشكە

 سەل قاراش›› تىن ساقلىنىش كېرەك

 

     ئارزۇگۈل مۇھەممەد

 

     يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان يېزا – بازار، كەنتلىرىگە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، بىراق شىمالىي شىنجاڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ تۇپراق، سۇغىرىش شارائىتىدا پەرق بولغاچقا، جايلاردىكى يېزا – بازارلارنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇش ئەمەلىيىتىگە قارايدىغان بولساق، بەزى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ يېزا – بازارلىرىدا‹‹بەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بەشكە سەل قاراش›› ھادىسىسىنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز.

     1) نۇقتىنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە سەل قاراش. بەزى يېزا – بازارلار يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى داۋامىدا سىناق نۇقتىسىنى تاللاشتا ‹‹يېقىن يول››دىن مېڭىپ، تەبىئىي شارائىتى ياخشى، بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، قاتنىشى قولاي كەنتلەرنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي كۈچنى شۇ سىناق نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار، قاتنىشى قولايسىز، چەت – ياقا جايلاردىكى نامرات كەنتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، يېڭى يېزا قۇرۇشتا ئالدى بىلەن نامرات كەنت – مەھەللىلەرنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شۇ جايلاردىكى دېھقان – چارۋىچىلارنى پارتىيەنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ خەلققە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

     2) تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قول سېلىپ ئىشلەشكە سەل قاراش. بەزى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ يېزا – بازارلىرىدا كۆپ قىسىم كەنتلىرىنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئايرىم كەنت – مەھەللىلەر ئىلگىرى قانداق بولسا، ھازىرمۇ شۇ پېتىچە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ جايلاردىكى بىر قىسىم كەنت كادىرلىرىدا يېڭى يېزا قۇرۇشنى پەقەت ‹‹دېھقانلارنىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولسا بولىدىغان، دېھقانچىلىق بېجىنى كەچۈرۈم قىلىپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بەرسەكلا بولىدىغان ئىش›› دەيدىغان كۆز قاراش مەۋجۇت. شۇڭا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يېڭى يېزا قۇرۇشتا تەشۋىقاتقىلا ئەھمىيەت بەرمەي، خىزمەتلەرنى ئەمەلىي قول سېلىپ جانلىق ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، يېڭى يېزا قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

     3) كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمىگە سەل قاراش. بەزى يېزا – كەنتلەردە ‹‹ئوبراز›› قۇرۇلۇشى قىلىدىغان، بەزى كەنتلەردە ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، ئىقتىسادىي كۈچنى كەنتنىڭ قىياپىتىنى ‹‹يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش››كە قارىتىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى داۋامىدا باشقا جايلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆلۈك ھالدا كۆچۈرۈپ كېلىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرىدىغان خاھىش ساقلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئالاقىدار تارماقلار ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان چارە – تەدبىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

     4) كونا ئەندىزىگە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ئىدىيەگە سەل قاراش. دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە ئۆزگىرىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، بەزى جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ كاللىسىدا ‹‹جايىدا ئولتۇرۇپ كۆزىتىدىغان، ھازىرقى ھالىتىگە قانائەت قىلىدىغان، قىسمەن دائىرىدىلا ئۆزگىرىش قىلىدىغان، تەرەققىي قىلىشنى ئويلىمايدىغان›› پاسسىپ ئىدىيە ھازىرمۇ ساقلىنىۋاتىدۇ. جايلار دېھقانلارنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇشقا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئەنئەنىۋى قاراشتىن قۇتۇلۇپ، پەن – تېخنىكا ئۆگىنىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بالدۇرراق ھاللىق تۇرمۇشقا يېتىشىگە ئەقىل كۆرسىتەلەيدىغان ئىلغار ئىدىيەگە، مول چارە – تەدبىرگە ئىگە باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەشكە كۈچەش كېرەك.

     5) قىسقا مۇددەتلىك قىزغىن بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا سەل قاراش. يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ئۇزاق مەزگىللىك سىستېما قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ھەممە كۆز تىكىۋاتقان ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئۇ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەرەققىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەزى جايلاردا يۇقىرى چىڭ تۇتسا داغدۇغا پەيدا قىلىپ شەكىلگە قۇرۇلۇش قىلىدىغان، ئازراقلا بوش قويۇۋەتسە، ئىجرا قىلىشقا سەل قاراپ بوشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ساقلىنىۋاتىدۇ. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى قوماندانلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوقۇم يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇپ، تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، باشقا جايلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئىجابىي ئۆرنەك قىلىپ، شەكىلۋازلىق قىلماي ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى، بۇ ئارقىلىق يېڭى يېزا قۇرۇش خىزمىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.

يازما ھوقۇقى: ئالىم بىز بلوگى
يازما ئادىرىسى: يېڭى يېزا قۇرۇشتىكى «بەش» توغرىسىدا

<

تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ ئىسىل

ۋاقىت: 2012-04-05
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: سىياسىي- نەزەرىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: