• ئۇيغۇرلاردا ئىككى كىشى ئۆز ئار ئۇچراشقىنىدا بىر- بىرىگە سالام بېرىش ئادىتى ئەڭ قەدىمىي ئەنئەنىلەردىن سانىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار سالاملىشىشنى مىللىي ئەخلاق ۋە دىنىي قائىدە يوسۇن قاتارىدىن سانايدۇ. سالاملىشىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مېھرى - مۇھەببەتنى داۋام قىلدۇرۇش ۋە كۆڭۈللەرنى جەلپ قىلىشتا ئەڭ زور سېھرىي كۈچكە ئىگە بىر ئىشتۇر.،