شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لى رۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، نۆۋەتتە ، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا يىللاردىكىدىن ℃ 2 ~ ℃ 6 قىچە يۇقىرى بولغاچقا ، قىسمەن رايونلاردا ئەگىز كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىنكەن ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىشى كېرەككەن .
بۇ يىل 2-ئايدا شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور بولۇپ ، نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلتسىيە گىرادۇستىن بىراقلا نۆلدىن يۇقىرى 1 ، 2 سېلتسىيە گىرادۇسقا ئۆرلىگەن . 24-فېۋرال سائەت 24:00 دىن 25-فېۋرال سائەت 14:00 گىچە ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، تارباغاتاي ، ئالتاي قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغقان ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغقان . 25-فېۋرال كېچىدە ، ئالتاينىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغقان .
مۆلچەرلىنىشىچە ، 26-فېۋرال كېچىدىن 28-فېۋرالغىچە ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، تارباغاتاي ، ئالتاي ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن ، تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن .
27-فېۋرال چۈشتىن 28-فېۋرالغىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىدە 4-5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن ، قىسمەن رايونلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن .
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
كېرىيەدە يۈز مو كۆلەمدىكى باغ سېتىلىدۇ
كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى
ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بۇغىلار قۇمۇل يايلىقىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسى مېۋىلىك باغلارنىڭ قىشلىق پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى
يېڭىچە كىرىم يولى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىن
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى