|
28 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان توقسۇ ناھىيەسىنىڭ 2013 – يىللىق تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى، ئورگان، مەكتەپ، كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى روھىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ 2 – باسقۇچلۇق سەپەرۋەرلىك يىغىنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېچىلدى، يىغىن زالىغا گۈل قويۇلمىدى، لوزۇنكا ئېسىلمىدى، رەھبەرلەر كاتىپ تەييارلاپ بەرگەن ماتېرىيالنى ئوقۇپ بەرمەي، خىزمەتنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. مەركەزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيەسى يىغىننى ئىخچاملاش، يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاش، يىغىننى ئازايتىش ۋە يىغىننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى. ئىلگىرىكى يىللاردا بەش كۈن ئېچىلىدىغان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى، خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىنى بۇ يىل ئۈچ كۈنگە قىسقارتتى؛ يىغىن ھۆججەتلىرى ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى زور دەرىجىدە ئىخچاملىدى؛ يىغىن قاتناشچىلىرىغا تارقىتىلىدىغان ھۆججەت سومكىسىنىڭ ئورنىغا يالتىراق خالتا تارقاتتى؛ يىغىن قاتناشچىلىرى يىغىنغا ئۆزى قەلەم ۋە خاتىرە ئېلىپ كىردى؛ يىغىندا ئۈگدەش ۋە يانفون ئويناش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلەپ، ناچار يىغىن ئىستىلىنى تەرتىپكە سالدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ناھىيە بۇ يىل يانۋاردا يىغىن خىراجىتىنى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %30 تىن كۆپرەك تېجىگەن. شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
|
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
كېرىيەدە يۈز مو كۆلەمدىكى باغ سېتىلىدۇ
كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى
ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بۇغىلار قۇمۇل يايلىقىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسى مېۋىلىك باغلارنىڭ قىشلىق پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى
يېڭىچە كىرىم يولى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىن
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى