• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىدە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى داۋاملىق چىڭ تۇتۇلىدۇ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

      ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىلقى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلەرنى بالدۇر پىلانلاش، قۇرۇلۇشنى بالدۇر باشلاش، خەلقنى بالدۇر نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى، بۇلار مۇنۇ جەھەتلەردە ئىپادىلەندى:CwNئاقيول تور بىكىتى

       ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە 42 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، 800 ئائىلىلىك ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، شەھەر – بازارلاردا 12 مىڭ 400 يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي سېلىش، 10 مىڭ 300 ئائىلىلىك كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.CwNئاقيول تور بىكىتى

       14 نۇقتىلىق نامرات كەنتنى كەنت بويىچە تەرتىپكە سېلىش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 18 مىڭ 700 ئائىلە، 84 مىڭ 900 ئاھالىنى نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى بېكىتىلدى.CwNئاقيول تور بىكىتى

       يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مەبلەغ توپلاش ئۆلچىمىنى 360 يۈەنگە، داۋالىنىش چىقىمىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى %75كە يەتكۈزۈش تەدبىرى رەسمىي يولغا قويۇلدى.CwNئاقيول تور بىكىتى

       تۈرلۈك ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تۈزۈمى، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.CwNئاقيول تور بىكىتى

      ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇ يىل يولغا قويۇلىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى يەنە ئاشلىق، ياغ، گۆش بىلەن تەمىنلەش، زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىغا ۋاقىتلىق باھا ياردەم پۇلى بېرىش، تەبىئى گازدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – بازارلاردا گازدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى %70كە يەتكۈزۈش، بۇنى تەدرىجىي يېزىلارغىچە كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.CwNئاقيول تور بىكىتى

    شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندىCwNئاقيول تور بىكىتى

     CwNئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇرلىرى