يوپۇغا ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ 2012 – يىلىدىكى خەلق تۇرمۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 15 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا شەھەر – يېزا قىياپىتىنى يېڭىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى مەنزىرە بارلىققا كەلتۈردى.
يوپۇغا ناھىيەسى بۇلتۇر 103 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بازىرىدىكى مەدەنىيەت يولى ۋە ئۆلكە يولى 310 – لىنىيەسىنىڭ كىرىش ئېغىزى يول بۆلىكىنى كېڭەيتىپ ياساپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇردى؛ مەدەنىيەت يولى، ئەۋزەلقۇم غەربىي يولىنى كېڭەيتىش، غەربىي شەھەر رايونىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولىنى ئۆزگەرتىش، ناھىيە بازىرى تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ تۇرۇبىسى، ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، يېزا – بازار شىپاخانىلىرىنىڭ ‹‹بىردە يېتەرلىك بولۇش، ئۈچلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى؛ 24 مىليون 490 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بەش يېزا – بازارنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى؛ 5500 يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، 8500 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلىدى؛ 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تەييۈ سانائەت رايونىنىڭ 20.43 كىلومېتىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، 34.9 كىلومېتىر سۇ تۇرۇبىسى ۋە پاسكىنا سۇ تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، سانائەت رايونى كۆلىمىنى 12 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن، ناھىيە بازىرى، يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلۈپ، جەلپ قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
كېرىيەدە يۈز مو كۆلەمدىكى باغ سېتىلىدۇ
كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى
ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بۇغىلار قۇمۇل يايلىقىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسى مېۋىلىك باغلارنىڭ قىشلىق پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى
يېڭىچە كىرىم يولى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىن
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى