مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل تۇردىنىڭ ئىگىلىشىچە، 25–يانۋاردىن 30–يانۋارغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقى ئومۇميۈزلۈك پۈتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ شىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 526 ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كونا ئەزا 237 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %45.06 ىنى؛ يېڭى ئەزا 289 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %54.94 ىنى ئىگىلىگەن.
بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە، پارتىيە ئەزالىرى 258 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %49.05 ىنى؛ دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار، پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار ۋە باشقا پارتىيەسىز زاتلار 268 بولۇپ، %50.95 ىنى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر 256 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %48.67 ىنى، خەنزۇلار 270 بولۇپ، %51.33 ىنى؛ ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئەزا 510 بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %96.96 ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا يېڭى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا يېڭىدىن ‹‹تاشقى دوستلۇق›› ساھەسىدىكىلەردىن 30 ى كۆپەيتىلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك يىغىن ئالتە كۈن ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئالتە قېتىم ئومۇمىي يىغىن، يەتتە قېتىم گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسى، بىر قېتىم بىرلەشمە مۇزاكىرە، ئۈچ قېتىم ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
22–يانۋار سائەت 19 غىچە، يىغىن تەكلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 189 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالغان. بۇ تەكلىپلەر ئاساسلىقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، پەن–تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە سىياسىي–قانۇن قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدىكەن.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
كېرىيەدە يۈز مو كۆلەمدىكى باغ سېتىلىدۇ
كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى
ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بۇغىلار قۇمۇل يايلىقىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسى مېۋىلىك باغلارنىڭ قىشلىق پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى
يېڭىچە كىرىم يولى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىن
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى