بۇ ناھىيە ئۆتكەن يىلى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى پارتىيەنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارغا قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، يۇقىردىن بېرىلىدىغان تۈرلۈك تولۇقلىما پۇللارنىڭ سوممىسى، مەنپەئەتلەنگۈچى ئاممىنىڭ مەنپەئەتلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق ئاشكارىلاشقا تېگشلىك مەزمۇنلارنى تولۇق ئاشكارىلىدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئەۋەتىپ، تولۇقلىما پۇللارنىڭ ئۇلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، تولۇق تېگىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ئۆتكەن يىلى بۇ ناھىيەدىكى دېھقان-چارۋىچىلار ئېرىشكەن تولۇقلىما پۇل تۈرى 69خىلغا، ئومۇمىي سوممىسى 883 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرىغا تارقىتىلغان پۇل 160مىليون يۈەن، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان، ياتاقتا يېتىپ داۋالانغانلارغا تولۇقلاپ بېرىلگەن پۇل 108مىليون يۈەنگە، بۇغداي، قوناق، كېۋەز ئۇرۇقلۇق ياردەم پۇلى ۋە يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى تولۇقلىما پۇلى 60مىليون يۈەنگە يەتكەن. پۈتۈن يىلدا تارقىتىلىپ بېرىلگەن ھەرخىل تولۇقلىما پۇل ھەربىر يېزا نوپۇسىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2700يۈەندىن توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلقى كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ%49.4 نى ئىگىلىگەن.
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
كېرىيەدە يۈز مو كۆلەمدىكى باغ سېتىلىدۇ
كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى
ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بۇغىلار قۇمۇل يايلىقىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسى مېۋىلىك باغلارنىڭ قىشلىق پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى
يېڭىچە كىرىم يولى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىن
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى