بۇلتۇردىن بۇيان، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىدىن 23 مىليون 390 مىڭى ئازىيىپ، ئومۇمىي سانى 98 مىليون 990 مىڭغا چۈشۈپ، يېزا نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10.2 كە تۆۋەنلىدى. 2012-يىلى ئېلىمىز نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش سېلىنمىسىنى يەنىمۇ كۆپەيتتى، مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى ھەر تەرەپلىمە يۆلەش سېلىنمىسى 299 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %31.9 ئاشتى. 28 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مالىيە خامچوتىدىن 14 مىليارد 780 مىليون يۈەن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى، مەركەزنىڭ نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەشكە سالغان بىۋاسىتە ياردەم مەبلىغى بىر مىليارد 898 مىليون يۈەن بولدى، تۈرلۈك مەبلەغدىن توققۇز مىليارد 34 مىليون يۈەن كىرگۈزۈشكە ياردەم بەردى. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، گوۋۇيۈەن 11 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تولۇق تەستىقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇتاش كەتكەن جايلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، بىر قىسىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ئالدى بىلەن يولغا قويدى، 310 ئورۇن نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەشكە قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر تۇنجى قېتىم تولۇق قاپلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەز مالىيەسى مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋى پاراۋانلىق فوندىدىن 900 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىشلەتتى. ئابا ئوبلاستىنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بوغۇم يوغىناش كېسىلىدىن ھەر تەرەپلىمە ساقلىنىش، داۋالاش سىناق خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى. شىزاڭدىكى دەريادىن ئۆتىدىغان سىيرىلما غالتەكلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 30 مىڭ نامرات كەنتنىڭ قىياپىتىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ، ياشاش شارائىتى ناچار جايلاردىكى ئىككى مىليون 400 مىڭ يېزا نامرات نوپۇسىنى باشقا جايلارغا كۆچۈرىدۇ.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
كېرىيەدە يۈز مو كۆلەمدىكى باغ سېتىلىدۇ
كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى
ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بۇغىلار قۇمۇل يايلىقىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسى مېۋىلىك باغلارنىڭ قىشلىق پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى
يېڭىچە كىرىم يولى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىن
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى