سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ‹‹ئىشنى باھاردىن باشلايلى، ئەمەلىي ئىشلەيلى›› ھەم ‹‹تۈرلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى›› تېمىسىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلاش كېلىشىمى ئىمزالاش پائالىيىتى 27 – فېۋرال رەسمىي باشلاندى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ناھىيە، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى 22 كارخانا بىلەن ئىش باشلاش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ كارخانىلار سانائەت، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى 17 تۈرگە، سودا، ئوبوروت، ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ئۈچ تۈرگە، ئىككى خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە 81 مىليارد 480 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدۇ.
2013 – يىلى كىرگەندىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ <تۈرلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى> پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى›› توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى. چاغاندىن بۇرۇن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ناھىيە، شەھەر، كارخانىلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تۈرلەردە ئىش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ئىگىلەپ، ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، تۈرلەرنى ياخشى باشلاشقا پۇختا ئاساس سالدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>
كېرىيەدە يۈز مو كۆلەمدىكى باغ سېتىلىدۇ
كۇچا ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسپىنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە قوللىدى
ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
بۇغىلار قۇمۇل يايلىقىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە
ئونسۇ ناھىيەسى چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلدى
كۇچا ناھىيەسى مېۋىلىك باغلارنىڭ قىشلىق پەرۋىش قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىۋەتتى
چارۋىلار دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى قىشلاقلارغا بىخەتەر كۆچۈرۈپ بولدى
يېڭىچە كىرىم يولى
يېزا ئىگىلىك 4-شىسىغا قاراشلىق تۈەندە شى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرى سېتىۋالغان يېزا ئىگىلىك ماشىن
دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەي بولۇش نىسبىتى %98 تىن يۇقىرى بولدى