يىگىرمە ياشلاردىكى بىر يىگىت يول ياقىسىدىكى مەنزىرىلەرگە ۋە يولۇچىلارغا قاراپمۇ قويماي ئالدىراپ كېتىۋاتسا، بىر ئادەم ئۇنى توسۇپ سوراپتۇ:
ـــ يىگىت، مېڭىشىڭىز شۇنچىلىك جىددىيغۇ!
يىگىت ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن يۈگۈرگنىچە كېتىپتۇ:
ـــ مېنى توسۇماڭ، مەن بەخت ئىزدەۋاتىمەن.
ئارىدىن يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، يىگىت ئاللىقاچان ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇپتۇ. ئۇ يەنىلا ئالدىراپ كېتىۋاتقانىكەن، يەنە بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ:
ـــ ھەي بۇرادەر، نېمىگە مۇنچە ئالدىرايسىز؟
ـــ مېنى توسۇماڭ، مەن بەخت ئىزدەۋاتىمەن.
ئارىدىن يەنە يىگىرمە يىل ئۆتۈپ، ئۇ ئاللقاچان چىرايىنى قورۇق باسقان، كۆزلىرىنىڭ نۇرى قاچقان بىر بوۋايغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ يەنىلا ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. بىر ئادەم ئۇنى توسۇپتۇ:
ـــ بوۋاي، يەنىلا بەخت ئىزدەپ ماڭدىڭىزمۇ؟
ـــ ھەئە!
بوۋاي گېپىنى تۈگىتىپ، بىردىنلا ھۇشىغا كەلگەندەك بولۇپ، تارام-تارام ياش تۆكۈپتۇ. ئەسلىدە بايا سوئال سورىغىنى بەخت ئىلاھى ئىكەن ئەمەسمۇ! ئەسلىدە ئۇ ئۆمۈر بويى ئىزدىگەن بەخت ئىلاھى ئۇنىڭ يېنىدا ئىكەن!
<ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>