باش قىسمىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ
http://www.alkuyi.com/asar/show.php?mid=2938
يۈرىكىم يىغلايدۇ(3)
ئەمدى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەندەك بىر قىزغا نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەنمۇ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز زەربە بولدى.بىراق مەن بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويسام بولمايدۇ،مەن يەنە ئالدىمغا قاراپ مېڭىشىم كېرەك.
مەن مەكتىپىمگە قەدىمىمنى ئېلىپلا ھەممە قايغۇنى ئۇنتۇشقا تىرىشىمەن. مانا قاراڭ،بىزنىڭ سىنىپتىكى بىلىمگە تەشنا قەلىبلەر ھازىر داۋاملىق ئوينىماقتا، ھى ھى ھى...بۇلار مۇزاكىرە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىنىپنىڭ تورۇسىنى ئېچىۋەتكىلى تاس قېلىۋاتىدۇ.مەكتەپ ھاياتىنىڭ رەڭدارلىقى مۇشۇنداق غەمسىز ئويناپ كۈلۈش،كىتابقا بېشىچە كىرىپ كىتىپ ئۆگىنىش قىلىشىدا ھەقىقى نامايەن بولسا كىرەك؟!بۇنداق دىسەم بىزنىڭ ساۋاقداشلارنى ئويۇنچى دەپ قالماڭلار،ئىمتاھان يېقىنلاشقاندا ئورنىمىزدىن مىدىرلىماي ئۆگىنىش قىلغان ھالىتىمىزنى كۆرسەڭلار <<توۋا>>دەيسىلەر... ھەقىقەتەن پارتىيەنى قىزغىن سۆيىمىز جۇمۇ؟
بىز پارتىيەگە يۈز كىلەلمەي قالمايلى دەپ،تارقاتقان كىتابلارنى تولا <<ئۆگىنىپ>> كونىرىتىپ،كىتاب ئالغان پۇلنىڭ بىر تىيىن ھەققىنىمۇ قويمايمىز...
بىلىم بۇلىقىدىن قانغۇچە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇچقۇر تۇلپارلار شۇنچىلىك كەسكىن مۇسابىقىلىشىدىكى،گەپ توغرا كەلمەيدۇ.
مانا مۇشۇ تۇرمۇش،مۇشۇ مەكتەپ ھاياتى مىنىڭ يىغلامسىراپ تۇرغان ئاشۇ يوغان كۆزلىرىمگە ئازىراق بولسىمۇ كۈلكە يۈگۈرتىدۇ.مېنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىم بار،ئۇ بولسىمۇ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكىدەك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچىرىساممۇ ،مەكتەپتە ھەرگىز بىلىندۈرمەيمەن،كۈلۈپلا يۈرىمەن،بەلكىم بىلمەيدىغانلار مىنى بەك بەخىتلىك،ھېچ قانداق غېمى يوق دەپ ئويلىشى مۇمكىن،بىراق كۆزۈمدە لىق ياش،يۈزۈمدە كۈلكە! يۈرۈكۈم داۋاملىق يىغلايدۇ...
مەن بەك ئۇششۇق،كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئازىراق يىغلىۋالىمەن،بۈگۈنمۇ بىر ئوغول ساۋاقدېشىم چاخچاق قىلىپ بېشىمغا ئۇرغان،مەنمۇ بوش كەلمەي شۇنداق كۈچىسەممۇ ئۇ بەك ئېگىز بولغاچقا بويۇم يەتمەي پەقەت ئۇرالمىدىم،ئاخىرى چىدىماي قورسىقىغا ئۇرۇپلا قاچتىم، ھى ھى ھى... يامانمىكەنمەن؟ لىكىن كەينىدىنلا ئۇنىڭغا يەنىلا يېڭىلىپ قالدىم،يېڭىلغىنىمغا چىدىماي يىغلىدىم،ئۇ يېنىمغا كىلىپ <<بوپتۇ ئۇرۇۋالە..>>دېگەنتى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇرىۋالدىم.ھى ھى ھى...كىچىك بالىدەك قىلىقىم بارمىكەن؟ ئۆزۈممۇ ئۇقمايلا يىغلاپ سالىمەن ئاشۇنداق.
بۇنچىلىك كىچىك يىغىلار مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس،پەقەت يۈرۈكۈمنىڭ يىغىسى مىنى بەكلا ئازاپلايدۇ!
ئەگەر باشقىلار مەندىن:<<ئىككىڭلار قانداقراق ئۆتىۋاتىسىلەر؟>>دەپ سورىسا،مەن چىرايىمنى ئۆزگەرتمەيلا<<ياخشى>>دەپ جاۋاپ بىرىمەن.
نىمە ئۈچۈن دېيىشىڭلار مۇمكىن،بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ بىۋاپا مۇھەببىتىمنىڭ باشقىلار قەلبىدىكى يۈكسەك ئورنىنى چۈشۈرۋەتمەسلىك ئۈچۈن!
<<دۇنيا ساڭا باقمىسا،سەن دۇنياغا باق،شۇنداق قىلساڭلار بۇ دۇنيا ساڭا شۇنچە گۈزەل بىلىنىدۇ!>>دىگەن مىزانغا مەن بىرىنچى بوپ ئەمەل قىلىدىغانلارنىڭ بىرسى،مىنىڭ تەشەببۇس قىلىدىغىنىممۇ دەل مۇشۇ!
مەن مەكتەپتە كۈلۈپلا يۈرىمەن،بىر جۈپ چىرايلىق كۆزۈمدىن ياش تامچىلاۋەرسە،نۇرسىزلىنىپ كەتمىسسۇن يەنە؟!بەزىدە ئەينەككە قاراپ بەكلا پەخىرلىنىپ كىتىمەن،ئاللاھ ئىگەمگە <<ھۆسنۈمنى گۈزەل قىلغاندەك،ئەخلاق پەزىلىتىمنىمۇ گۈزەل قىلغىن>>دەپ ئىلتىجا قىلىمەن،ئاللاھ ئىگەمگە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن!بىراق مۇشۇ بويۇم سەل پاكارراق،كىچە-كۈندۈز بويۇمنىڭ ئۆسۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن،ھەي،پەقەت ئۆسمەيۋاتىدۇ...لىكىن يەنىلا شۈكۈرى!
مەن بەك ئوچۇق،بەكلا چىقىشقاق،بۇ خۇشخۇي مىجەزىمنىڭ شاپائىتىدە تونۇشلۇرۇم بارغانسىرى كۆپۈيۈپ كەتتى.كىشىلەرگە ياردەم بىرىشكە بەك ئامىراق مەن،دوستلىرىم كەچكىچە بىرەرسىگە ياردەم بەرسەم <<ھەي پوداقچىلىق قىلىپ كەلدىڭىزما؟>>دەيدۇ،ئۆزۈممۇ ئامىراقچۇ <پوداقچىلىق> قىلىشىقا،لىكىن كىشىگە زىنھار خۇشامەت قىلمايمەن،پەقەت خۇشۇم يوق.سەل ئۆزۈمنى ماختايدىغانراق چىقىپ قالدىم،توغرا چۈشىنىڭلار.
ئەمدى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇشقا تىرىشىۋاتقان ۋاقىتلاردا،ئۇ يەنە تىلفون قىلدى،ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتىمەن،ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىم يوق،لىكىن بۇرۇنقى ئىشلارنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ،ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تېخىمۇ ئامالسىزمەن؟! قانداق قىلاي؟
روسىيە يازغۇچىسى دوستويېۋىسكى:<<ئادەم ئۆز ھاياتىدىكى ئۇششاق-چۈششەك بەخىتسىزلىككە چىداشلىق بىرىشى كىرەك،بەخىتسىزلىككە ئۇچۇراشنى خالىمىسا ياشىمىسىمۇ بولىدۇ>>دەپتىكەن،شۇڭا مەن ھاياتىمدىكى بۇ بەخىتسىزلىككە توغرا پوزىتسىيەدە بولۇپ،بايرىقىمنى روشەن،مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىغان يولدا كىتىپ بارىمەن. ئۇ يەنە:<<ئادەم بەخىتسىزلىكنى تولا سۆزلەشكە ئامىراق،شۇ سەۋەبلىك ئۆز بەختىگە سەل قارايدۇ>>دەپتىكەن،مەن ئۆزۈمنى بەخىتسىز دەۋىرىپ،مەڭگۈ بەخىتستز بوپ قالماي يەنە؟ (ئاللاھ ساقلىسۇن،بەختىمنى بەرسۇن!)
مەن بەخىتلىك،مىنىڭ ئاتا-ئانام،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم،دوست-بۇرادەرلىرىم بار،ھەممە نەرسەم تولۇق! مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان،ئەڭ پاك يۈرۈكۈمدىن سۆيگەن،غۇبارسىز مۇھەببىتىمنى ئاتىغان ئادىمىم بار،مەيلى ھازىر ئۇ مىنى سۆيسۇن سۆيمىسۇن مەن يەنىلا بەخىتلىك. بەزى كىشىلەر بار،مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىر ئۆمۈر چۈشەنمەيدۇ،بىر ئۆمۈر بىرىنى ھەقىقى سۆيەلمەيدۇ،مەن ھىچ بولمىغاندا بۇلاردەك بىچارە ئەمەس!
بىز ئەسلى بىللە ئاشۇ گۈزەل ئەتىنى كۈتىۋالماقچى ئىدۇق،ئەمما ئۇ مىنى ئەپسۇس ئىچىدە،پۇشايمان ئىچىدە قالدۇرۇپمەندىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتمەكچى بولىۋاتىدۇ؟!
بۇ كوچىدا شۇنچىلىك تەمتىرەۋاتىمەن،ئالدىمغا مېڭىشنى ۋە ياكى كەينىمگە يېنىشنى بىلەلمىدىم،شۇڭا بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە سۈكۈتتە تۇرۇشنى تاللىدىم!ئىشىنىمەن ئۇ ھامان بىر كۈنى ئالدىمغا كىلىدۇ! ئۇنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتىمەن،مىنى ياخشى كۆرمىگەن،مەندىن ئايرىلىپ كەتكۈسى بار ئادەم يەنە نىمىشقا مەندىن ئۆزىنى كەچۈرىۋىتىشنى ئۆتىنىدۇ؟يەنە نىمە ئۈچۈن مەندىن ئايرىلالمايدىغان ئادەم ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلمايدۇ؟ زادى نىمە ئۈچۈن؟
_سەندىن ئايرىلىپ قالغىم يوق،پەقەت سەن بىلەنلا بىللە بولغۇم بار،سەن ئۈچۈن ئاتا-ئانامدىن بۆلەك ھەممىدىن كېچىشكە مەن رازى!
مۇشۇنداق دىگەن ئادەم يەنە نىمە ئۈچۈن .......؟ مىنىڭ يۈرۈكۈمنى توختىماي يىغلىتىۋاتقان نەرسىلەر دەل مۇشۇ كۆڭلۈمدە تۇغۇلغان نىمە ئۈچۈنلەر!كىمدىن جاۋاپ ئىزلەي؟
ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم،خۇددى يىمىرىلمەس مەزمۇت تېغىمدەك!لىكىن ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى زادىلا بىلەلمىدىم؟
يۈرىكىم يىغلايدۇ (4)
مەن دەپسەندە بولغان غورۇرۇمنى قايتۇرۇپ كىلىمەن دەۋاتىمەن،بىراق يۈرىكىم يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن سوقىدۇ،مەن قانداق قىلاي؟
مىنىڭ ئۇنىڭغا:<<ئەي مىنىڭ دىلىمنىڭ يۇمران ياپىرىقى،ئاۋازىڭىزنى قويىۋىتىپ مىنى چاقىرىۋېلىڭ،مەن كۈلۈمسىرەپ ئالدىڭىزغا باراي،پەرىشانلىق ئىچىگە چۆكۈپ غەمخانەمدە تەنھا ئولتۇرىدىغان ئىشلارنى ئەمدى قىلماي،قېشىمغا قايتىپ كىلىڭ!>> دىگىم كىلىدۇ.بىراق بۇنداق دىيىشىمنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن،شۇڭا ھازىرغىچە جىمجىتقىنە سۈكۈتتە تۇرىۋاتىمەن.
قەلبىم خۇددى مىسكىن قوزىنىڭ مەرىشىدەك ئاجىز ئىڭراۋاتىدۇ.
مەن ھەقىقەتەن مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلالمايۋاتىمەن،بەزىدە ۋاز كىچىشنى تاللىسام،يەنە بەزىدە ئۇنى كەچۈرىۋىتىپ،بۇرۇنقىدەك خۇشال مۇھەببەت كۈنلىرىمىزنى باشلىغىم كىلىدۇ. لىكىن يەنە ئۇ يەنە بىر قېتىم ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلىپ قالسا مەن قانداقمۇ چىدايمەن؟ دەپ ئويلاپ ۋاز كىچىشنى تاللايمەن، لىكىن يەنىلا ئۇمىڭدىن ۋاز كىچەلمەيمەن! بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن... تېڭىرقاپ قالدىم،ئەگەر ئۇ مىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىسا،ئۇ ۋاقىتتا مەن بۇ دۇنيادىن راستىنلا بەك بىزار بولۇپ كىتىمەن،ياشاشتىن رايىم يانىدۇ،پۈتۈن ئىشەنچىم،ئارزۇ-ئۈمۈدلىرى،تاتلىق خىياللىرىم ماغزاپتەك كۆپۈككە ئايلىنىپ، غايىپ بولىدۇ... ئۇ كۆتۈرگىسىز ئېغىر ئازاپنى مەن قانداقمۇ كۆتۈرەي؟
ۋاقىت ئاستا-ئاستا چۆكۈپ كىتىدۇ،بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبىمىزدىكى سىماسى ئاستا-ئاستا غۇۋالىشىدۇ،ۋاز كىچىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كىرەك،بەختىمىز ئۆزىمىزنىڭ تەسەللىسىگە مۇھتاج!
ئۆز-ئۆزۈمگە دائىم مۇشۇنداق تەسەللى بىرىپ تۇرىمەن،لىكىن يۈرۈكۈم بۇ تەسەللىلەرگە ھەرگىزمۇ گول بولمايدۇ. نىمانچە يىغلايدىغانسەن يۈرۈكۈم؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرى ئۆزۈمگىمۇ قاراڭغۇ، بەلكىم بېشىمغا كەلگەن كۈنگە ئېچىنىپ ياش تۆكسە كىرەك؟! ۋە ياكى مىنىڭ ئۆز ھىسىياتىمغا مۇخالىپ ھالدا<<ۋاز كىچىش>> قارارىنى چىقارغىنىمغا ئېچىنىپ تۆكىۋاتقان بولسا كىرەك؟! ھەر ئىككىلى سەۋەبنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ.
مەن ۋاز ۋاز كەچتىم دىگەن ئىدىم،توغرا،مەن غورۇرۇمدىن كەچتىم،جاھىللىقىمدىن كەچتىم،ئۆزۈمدىنمۇ كەچتىم... بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن!
بەلكىم مىنى تازىمۇ <تۇتۇرۇقسىز> ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانسىلەر؟ ئادەم مۇھەببەت كوچىسىدا ئەنە ئاشۇنداق تېڭىرقايدىغان بولسا كىرەك؟ ۋە ياكى مەندەك كىچىككىنە بىر قىز ئۈچۈن بۇ تىما بەكلا مۇرەككەپ ۋە ۋەزنى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇنداق تېڭىرقاۋاتقان بولسام كىرەك؟
<<ھەر كىشى ھەر نىمە دەيدۇ بېشىغا كەلمىسە بىلمەيدۇ>> دەپ، ئۆز بېشىغا كەلمىگەن ئادەم <<ئانداق قىلسا ياخشى بولمامدۇ،ئەجەپ دۆتكەن...>>دەپ كىتىدۇ،بىراق ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقسۇنچۇ،ئاندىن ۋەزنىنىڭ بازغاندەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
ياغاچ ئوتقا:<<مىنى باغرىڭغا باس!>>دەپتۇ،ئوت ئۇنى باغرىغا ئاپتۇ،ياغاچ كۈلگىنىچە كۈلگە ئايلىنىپتۇ،ئوت يىغلاپتۇ،كۆز ياشلىرى ئۇنى ئۆچۈرۈپ قويۇپتۇ.ياغاچ يالقۇنلۇق ئوتقا كۆيۈپ قالغان چاغدىلا،پىشانىسىگە كۆيۈپ كۈل بولۇش پۈتۈلگەن ئىكەن.
بەلكىم مىنىڭمۇ پىشانەمگە مۇشۇ كۈلپەتلەرنى تارتىش پۈتۈلگەن بولسا كىرەك؟ مەيلى قانچىلىك ئېغىر كۈنلەرگە قالايلى،ھەرگىزمۇ زارلانماسلىقىمىز،پۇشايمان قىلماسلىقىمىز كىرەك ئىكەن،چۈنكى بۇلار بۇرۇنلا پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن ئىكەن.كۆرمەي ئىلاجىمىز يوق!شۇڭا تۇرمۇشقا كۈلۈپ باقايلى!
تۇرمۇشتىن ئۆزۈمگە كۈلكە تەمە قىلىپ،تۇرمۇشقا شۇنچىلىك كۈلۈپ بېقىۋاتىمەن. بەلكىم تۇرمۇش مىنىڭ كۈلكىلىرىمنىڭ توختاپ قېلىشىنى خالىماي ماڭا كۈلكە ئاتا قىلىشى مۇمكىن.
مەن مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە مانا بۈگۈن ئەڭ سەت ھاقارەت ئاڭلىدىم،مىنى تۇنجى قېتىم بىرى <پەسكەش>دىدى. ئۇ ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىڭلار بارمۇ؟
ئۇ دەل بىزنىڭ سۆيگۈمىزنىڭ ئۈششۈك تىگىشىگە سەۋەبچى بولغان ھېلقى قىز! توۋا،مەن پەسكەشمۇ تېخى؟ ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىمىزنى بىلگەن بولسا كىرەك،ماڭا ئىككى كۈنندىن بېرى توختىماي تىلفون قىلدى،مەن ئالمىدىم. ئۇنىڭ يەنە<<بىز شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتىمىز،ئۇ ماڭا شۇنچىلىك قىلىپ كىتىپ بارىدۇ،مىنىڭ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى ئۇنداق يالۋۇرتقۇزغۇم يوق... سىزنىڭ مەندىن بەخىتلىك بولۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن...>> دىگەندەك گەپلىرىنى ئەمدى ئاڭلىغۇم يوق! ئەجىبا،مەن ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلىپ بەرگەنلىرىنى،ماڭا دىگەن سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دىيەلمەمدىمەن ؟ مەنمۇ تازا دىيەلەيتىم بىراق،كۆڭلۈم ئۇنمىدى،مەن ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشنىڭ نەقەدەر ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن،شۇڭا باشقىلارنىڭمۇ مەندەك ئازاپ ئوتىدا پۇچلىنىشىنى خالىمايمەن! ئۇنداق شەخسىيەتچىلىك قىلىش مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئۇ ئاز دىگەندىمۇ 50~60 قېتىم تىلفون ئۇرغاندۇ؟ پەقەتلا ئالمىدىم،ئالساملا ئۇنىڭغا ئازار بىرىپ قويۇشۇم،ئۆزۈممۇ ئازار يەپ قېلىشىم مۇمكىن.
ئۇ مىنى <بەك رەزىل ئىكەنسىز> دىدى، ئۇنىڭغىمۇ چىداپ يەنە گەپ قىلمىدىم.(تىلفونىنى ئالمىغاچقا،ئۇچۇر يوللاپتىكەن) يەنە تىلفون قىلىۋەردى، خوتەنلىكنى جايىل دىسە،قانچىلىك جايىلدۇ؟ دەپتىكەنمەن،ھەقىقەتەن قول قويدۇم... بىراق،سەن جاھىل بولساڭ،مەن سەندىن ئۆتە جاھىل دەپ تىلفونىنى يەنە ئالمىدىم.بۈگۈن ئەتتىگەن تىلفوننى ئېچىشىمغا ئۇچۇر كەلدى...
<سىز بەك پەسكەش ئىكەنسىز!> شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدى،مەن پەسكەشما؟ توۋا..........
ئۇنىڭ خەنزۇچە يازغان ئۇچۇرلىرىغا قاراپ يىرگىنىپ كەتتىم(你太卑鄙了)!
مەندەك بىر ئاپئاق قىزنى پەسكەش دىيىشكە قانداق ئاغزى بارغاندۇ؟
بىر كۈن ئاچچىق يۇتۇپ ئولتۇردۇم،تىلفون قىلىپ تىللاشنىمۇ ئويلىدىم،بىراق ئەزەلدىن ئادەم تىللاپ كۆنمىگەچكە،ئۇنداق قىلىشنى چاكىنىلىق دەپ ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن يەنىلا ئۇنداق قىلمىدىم. مەكتەپتە دوسلىرىم،ساۋاقداشلىرىم بولغاچقا، ئۇلار بىلەن كۈلكە-چاخچاق قىلىشىپ ئۇ ئىشلارنى ئۇنتۇشقا تىرىشتىم. چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا،ئۆيگە كىلىپ،ئاچچىق بىر سىزىم ۋۇجۇدۇمنى تىتىرىتىۋەتتى. تىلفونۇمنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدىم. ئۇ خەنزۇچە يوللىغاچقا مەنمۇ خەنزۇچە يوللىدىم،ئادەتتە ئۇيغۇرچىلا يوللايتىم،چۈنكى مەن ئانا-تىلىم بىلەن ئۆز مەقسىتىمنى ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىمەن،ئانا-تىلىمنى ياخشى كۆرىمەن.
_ سىزنىڭ مىنى پەسكەش دىيىشكەنىمە ھوقۇقىڭىز بار؟سىز ئۆزىڭىزنى بەك ئالىجاناپ ئويلايدىكەنسىزدە؟ ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ! مىنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرگىم يوق،ئەڭ ياخشىسى سىزمۇ مىنىڭ غورۇرۇمغا تەگمەڭ! .
_ بوپتۇ،ۋاقىت ئىسپاتلىسۇن!سىزمۇ مىنىڭ كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەڭ،مەن سىزنى ھىچ قاچان دۈشمىنىم قاتارىدا كۆرۈپ باقمىغان،لىكىن سىز بەزى ۋاقىتلاردا بەك ئاشۇرىۋەتتىڭىز!
_مەن ئەزەلدىن سىزگە ئازار بىرىپ باقمىدىم،لىكىن سىزچۇ؟ سىزنىڭ مىنى ھاقارەتلەيدىغان سالاھىيىتىڭىز بارمۇ؟ سىز مىنى پەسكەش دىدىڭىز،ھىچ كىم ماڭا بۇنداق سەت گەپ قىلىپ باقمىغان!
بىلەمسىلەر؟ مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن مۇشۇنداق ھاقارەتلەرگە چىدىدىم،ئۇنىڭغا بۇ توغۇرلۇق ھىچ نىمە دىمىدىم...
ئۇنىڭمۇ مىنى ياخشى كۆرىدىغىنىغا ئىشىنىمەن،لىكىن نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغىنىنى ھىچ چۈشەنمىدىم!
بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن شەخسىيەتچى ئىكەن،ھەقىقەتەن رەزىل ئىكەن!