ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
‹‹شەرق ئەتىگەنلىك گېزىتى›› خەۋىرىگە قارىغاندا، بەش يىلغا يېقىن يولغا قويۇلغان« ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش سىياسىتى»نىڭ ۋاقتى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى توشىدىكەن.
مالىيە مىنىستىرلىقى تورى ئېلان قىلغان ‹‹ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ۋاقىت توشقاندىن كېيىن يۈرگۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››تا: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش سىياسىتى مەملىكەت بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ، دەپ ئېنىق ئېلان قىلىنغان.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا دېيىلىشىچە، بۇ سىياسەت بەزى ئۆلكىلەردە 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، بەزى ئۆلكىلەردە 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن . بۇ چاغدا، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دۇكانلار ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشكە دائىر تەشۋىقاتنى توختىتىپ، مەخسۇس پۇكەينى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن، سېتىلىپ بولالمىغان مەھسۇلاتلار ئادەتتىكى باھا بويىچە داۋاملىق سېتىلىدىكەن.
