ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 2014-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا يىلىغا 10 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ يىل، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 7400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ، 2011-يىلىدىكىدىن 1200 ى كۆپەيتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى 6660، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى %90 تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. يېڭىدىن فۇكاڭ شەھىرى كۆپەيتىلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئاچقان شەھەر 12 گە، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئاچقان مەكتەپ 25 گە يەتكۈزۈلىدۇ.
2014-يىلغىچە يىلىغا 10 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن، شىنجاڭ يەنە جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى داۋاملىق كۆپەيتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «قوش تىللىق سىنىپ» قاتارلىق تۈرلەردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ؛ يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت كىنىشكىسىنى ئالغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە نومۇر قوشۇپ بېرىش، شىنجاڭ بويىچە «قوش تىل» مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىلھام بېرىش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.
ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا 8 نۆۋەتتە جەمئىي 35 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار 16 مىڭ 200 گە يېتىدۇ، سىنىپ ئاچقان شەھەر 11 مەكتەپ 22 گە يېتىدۇ.