ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
12 -ئاينىڭ 13- كۈنى سەككىز ئەتراپىدا ئۈرۈمچى شەھىرى سەرقى ئارقا كوچا يۈگاڭ 跃钢 ئىش بېجىرىش ئورنى ئائىلىلىكلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ ئالتىنچى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە ئوت كېتىپ، ئۆيدىكى بىر ئەر بىنادىن سەكرگەندىن كىيىن بەختكە قارشى قازا قىلغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن مۇخبىر نەق مە يدانغا يېتىپ كېلىپ،ئوتنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى.ئالتىنچى قەۋەتتىكى بىر ئۆينىڭ بالكوننىڭ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەنلىكىنى، دېرىزە ئەينەكلىرىنىڭ پۈتۈنلەي چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن.
ئىشقا مېڭىش يولىدا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان لىشىفېڭ: سائەت سەككىزلەرغۇ دەيمەن، بۇيەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىناغا ئوت كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ئوت يالقۇنى دېرىزىدىن ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلۈپ كۆيىۋاتقانكەن، مەن دەرھال 119 قا تېلېفون قىلدىم.دېگەن
ياندىكى بىنادا تۇرىدىغان لىشۇبىڭنىڭ دېيىشچە، ئۇ چاغدا تېخى تاڭ سۈزۈلمىگەن ۋاقىت بولۇپ، ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتقان لىشۇبىڭ ياندىكى بىنادىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىسنى كۆرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېرىزىدىن بىر قارا سايىنىڭ پەسكە سەكىرگەنلىكىنى كۆرگەن.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئۆينىڭ ئىشكىنى ئېچىۋاتقاندا ئۆيدىكى ئەر بىنادىن سەكرىگەن.
مۇخبرىنىڭ قۇلۇم-قوشنىلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئۆيدە بىر بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى تۇرىدىغان بولۇپ، ئوت كەتكەن كۈنى 40 ياشلىق كىچىك ئوغلى يالغۇز ئىكەن.
قۇتقۇزۇش خادىملىرى يارىلانغۇچىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ئەمما قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى چۈش سائەت بىرلەردە قازا قىلغان.
نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ ئوت كېتىش ۋە ئۆلگۈچىنىڭ بىنادىن سەكرىۋېلىشىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە
