ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:


ئەمالار يېزىقى
گوۋۇيۈەن يېقىندا «توسالغۇسىز ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دەپ ئاتىلىدۇ) ئېلان قىلدى، «نىزام» 2012-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قولاي ھالدا ئۇچۇرغا ئېرىشىش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى مېيىلار قاتارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىغا نىسبەتەن بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا.
توسالغۇسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «نىزام»دا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇھىم ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى ۋە مېيىپلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغاندا، شارائىت يارىتىپ مېيىپلارنى تاۋۇشلۇق ۋە يېزىق بىلەن ئەسكەرتىش قاتارلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. دۆلەت تەسىس قىلغان ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى، كەسپىي ئۇنۋان ئىمتىھانى ۋە ۋەزىپىگە چىقىش ئىمتىھانىدا، كۆرۈش ئىقتىدارى جەھەتتە مېيىپ ھېسابلىنىدىغانلارغا ئەمالار ئىمتىھان سۇئالى، ئېلېكتىرونلۇق ئىمتىھان سۇئالى تارقىتىپ بېرىلىشى، ياكى خىزمەتچى خادىملار ياردەم بېرىشى كېرەك.