ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

جۇڭشىن تورى 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدە يېقىندا ئامېرىكىلىق ئەر ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر جۈپ كونا خىرۇم ئاياقنى خەيرىيەت ئورگىنىغا ئىئانە قىلىۋەتكەن،لېكىن ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش شۇكى ئۆينىڭ نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق تۇرمۇش جۇغلانمىسىنى ئايالى بۇ كونا ئاياغنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغان ئىكەن.بەخىتكە يارىشا قىزغىن خىزمەتچى خادىملارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا بۇ پۇل ئەڭ ئاخىرىدا ئەسلى ئىگىسىنىڭ قولىغا قايتىپ كەلگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا ئامېرىكا تېكاس شىتاتىنىڭ ھىيوستۇندىكى خەيرىيەت دوكىنى يېقىندا ئىئانە قىلىنغان بۇيۇملارنى رەتلىگەندە بىر خىرۇم ئاياقنىڭ ئىچىدە بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان .خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ پۇل ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولۇپ جەمئىي 3300ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.خىزمەتچى خادىملار بۇ پۇلنى خەيرىيەت دوكىنىغا قويۇپ قويۇشنى قارار قىلغان.
ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئايال پۇل ئىزدەپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەن،ئەسلىدە بۇ ئايال ئۆينىڭ پۈتۈن تۇرمۇش جۇغلانما پۇلىنى ئاياقنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغان بولۇپ ئويلىمىغان يەرىدىن يولدىشى ئاياقنى ئىئانە قىلىۋەتكەن.پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالغان ئايال ھاياجانلىنىپ كۆز يىشى قىلغان،خىزمەتچى خادىملارمۇ ئىنتايىن خوشال بولغان،ئۇلار بىز توغرا ئىش قىلدۇق دەپ ھېس قىلغان.