ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:يېقىملىق ناخشىلىرى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان «يۈ. چۈەن» ناخشا گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خۇ خەيچۈەن ناخشا-مۇزىكا جەھەتتە ئىقتىدارلىق بولۇپلا قالماي يەنە شېئىر يېزىشقىمۇ ئىشتىياق باغلىغان. 1- ئاينىڭ 14- كۈنى بېيجىڭدا ئۇنىڭ دادىسى بىلەن بىللە ھەمكارلىشىپ يازغان ئىككى پارچە شېئىر توپلىمىنىڭ ئىمزا قويۇش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. تۇنجى بولۇپ، ئىمزا قويغۇزغان كىشى دەل ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى ۋە شېرىكى چېن يۈ فەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىتەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشى خۇ خەيچۈەننى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.
خۇ خەيچۈەن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 10يىل جەريانىدا 1000 پارچىدىن ئارتۇقق شېئىر يازدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلغان شېئىر توپلىمىغا ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىجادىيەتلىرىدىن 300 پارچىدىن ئارتۇقراق تاللاپ كىرگۈزۈلۈپتۇ.
خۇ خەيچۈەن ئۆزىنىڭ 10 نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغانلىقىنى، يالغۇز مۇھەببەت شېئىرلىنىلا يېزىپلا قالماستىن كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى پەلسەپىۋى شېئىرلارنىمۇ يېزىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شېئىريېزىشقا بۇنچە قىزىقىشىغا ۋە بۇنچە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە دادىسى خۇ شىزوڭنىڭ يېتەكلىشى ۋە تەسىرىنىڭ ئىنتايىن زور بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا دادىسىنىڭ كۈتۈپىخانىسىغا كىرىۋېلىپ، ئۇيەردە يېغىپ ساقلانغان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق شائىرلارنىڭ بارلىق شېئىر توپلاملىرىنى ئوقۇيدىغانلىقىنى، ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيتىدە ئىنتايىن ياخشى كومپاسلىق رولىنى ئويناپ، ناھايىتى ياخشى ئىجادىيەت ئاساسى سېلىپ بەرگەنلىكىنى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن دادسىىغا رەھمىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
خۇ خەيچۈەننىڭ دادىسى خۇ شى زوڭ داڭلىق شائىر. ئۇ ئوغلى ئۈستىدە توختۇلۇپ، ئىلگىرى كىشىلەر دائىم ئۇنى خۇ شى زوڭنىڭ ئوغلى دېيىشەتتى. بىراق ھازىر كىشىلەر مېنى خۇ خەيچۈەننىڭ دادىسى دېيىشىدىغان بولدى. مەن مۇشۇنداق ياراملىق ئوغلۇمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخرلىنىمەن دېدى.



