ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 21- دىكابىر تېلگراممىسى . 20- دىكابىر سائەت 23 لەر ئەتراپىدا ، 14 بال بوران شىنجاڭ جەنوبى شىنجاڭ تۈمۈر يولىنىڭ ئەسلىگە كەلگەن قاتنىشىنى يەنە ئۈزۈپ قويدى . يېقىنقى ئۈچ كۈندى بۇيان ، جەنوبى شىنجاڭ تۈمۈر يولى ئۈچ قېتىم قاتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ، 12 قېتىملىق پويىز مەجبورى توختىتىلدى .
ئۈرۈمچى تۈمۈر يول ئىدارىسىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا ، 19- دىكابىر سائەت 23 لەر ئەتراپىدا ، جەنوبى شىنجاڭ تۈمۈر يولى تۇرپاندىن يۈ ئېر گوغىچە بولغان 100 كىلومىتىرلىق بۈلىكىدە بوراننىڭ كۈچى 14 بالدىن ئېشىپ كەتتى ، ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا ، كورلىدىن شىئەنگە ، كورلىدىن ئۈرۈمچىگە ، خوتەندىن ئۈرۈمچىگە ، ئاقسۇدىن باۋجىغا قاتنايدىغان 12 قېتىمىلىق نۆۋەتچى پويىز مەجبورى توختىتىلدى .
بوران توختىغاندىن كېيىن ، تۈمۈر يول تارماقلىرى جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى بويىچە بوراندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى .
