ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| خەلقئارا خەۋەرلەر | قىزىق نۇقتا | ئۇنۋىرسال | سۈرئەتلىك خەۋەرلەر | غەلىتە ئشلار | تەنتەربىيە | IT -تىخنىكا | مەملىكەت خەۋەرلەر | ئىقتىسادى | شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تاماشا
ئورنىڭىز:خەۋەر >> شىنجاڭ >>
ھەسەنجان بېيجىڭ فاڭشەن رايۇنىدا مۇئاۋىن ئەمەلدار بولدى
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:893  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

\


ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: ھەسەنجان مەمەتنىڭ ئىككى ھاياتلىق نىشانى بار يەنى: بېيجىڭدا يىلتىز تارتىپ، ھازىرقى ئورنىدا شانلىق نەتىجە قازىنىش؛ يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۆزىنىڭ ئۇچۇر بايلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان نەزەر دائىرىسىگە تايىنىپ يۇرتداشلارنى باي تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش.

ھەسەنجان مەمەت ھازىر بېيجىڭ شەھەرلىك فاڭشەن رايونى شىدۇ بازىرى تۈر باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇخبىر ھەسەنجان بىلەن ئالاقىلەشكەن بولۇپ، ھەسەنجان ئىنتايىن راۋان بولغان بېيجىڭ تەلەپپۇزىدا مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشقان.

ھەسەنجان مەمەت 30ياش، شىنجاڭ مەكىت ناھىيىسى تۈمەنتال يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ بالىنىڭ چوڭى. ئۇ 14ياشقا كىرگەندە دادىسى ۋاپات بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئائىلىنىڭ پۈتۈن يۈكى ئاپىسى ھۆرنىسا ئابدۇرېھىمغا يۈكلەنگەن. ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى ئاستىدا ھۆرنىسا ئانا ئوغلى ھەسەنجاننى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈشنى ئويلىغان. ئەمما ھەسەنجاننىڭ ئوقۇتقۇچىسى: ‹بۇ بالىنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى، ئۆزى تىرىشچان. مەكتەپتە ئوقۇمىسا بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ› دېگەن. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ھۆرنىسا ئانا مەيلى قانچىلىك جاپالارنى تارتسىمۇ ئوغلىنى ئاخىرغىچە ئوقۇتۇش قارارىغا كەلگەن.
مەكىت ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ھەسەنجان مەمەتنىڭ پۈتۈن ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلغان. 2002-يىلى ھەسەنجان مەمەت ئەلا نەتىجە بىلەن جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانلار مەدەنىيىتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان. بېيجىڭدا ئوقۇغان تۆت يىل مەزگىلىدىكى پۈتۈن ئوقۇش پۇلى ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي رايونلارغا ئوقۇشقا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن كەلگەن.

2006-يىلى ھەسەنجان تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ ۋاقىتتا بېيجىڭ شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا كادىرلىق ئىمتىھانى ئېلىنغان بولۇپ، ھەسەنجان بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش يۈز بېرىپ بېيجىڭ شەھىرىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا كادىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئەينى يىلى ئۇ بېيجىڭ شەھەرلىك فاڭشەن رايونى ليۇ لىخې بازىرى شىدى يېزىسىغا يېزا كومىتېت مۇدىرى بولۇپ چۈشكەن. بۇ جەرياندا ئۇ يېزىدىكى ئامما بىلەن تەڭ جاپا تارتىپ ئۇلار قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەم قولىنى سۇنغان. ھەسەنجاننىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئامما ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىگە قىزىقىپ  شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ مۇنازىرە قىزىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ھەتتا بەزىلىرى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە باشلىغان.

2009-يىلى، ھەسەنجان خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن شەنچۈ رايونى شىدۇ بازىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ھەسەنجاننىڭ ھازىر خىزمىتى مۇقىم، ئىككى ئىنىسىمۇ بېيجىڭدا مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاشخانا ئاچقان بولۇپ، ئوغلىنىڭ مۇشۇنداق نەتىجە قازانغانلىقىنى كۆرگەن ھۆرنىسا ئانا ئوغلىدىن چەكسىز پەخىرلەنگەن.

ھەسەنجاننىڭ ئائىلە خىزمەت ئىشلىرى بىر ئىزىغا چۈشۈپ خاتىرجەم بولدى. لېكىن ئۇ يۇرتداشلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. 2009-يىلى يۇرتقا كەلگەندە يېقىن دوستى پۇلىياز پاختا تېرىشتىن ۋاز كېچىپ باشقا پايدىسى كۆپرەك ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. لېكىن ھەسەنجان مەمەتنىڭ مەدەت بېرىشى ئاستىدا يەنىلا پاختا تېرىشنى داۋاملاشتۇرغان. دېگەندەك 2009-يىلىغا كەلگەندە پاختىنىڭ باھاسى بىراقلا ئۆرلەپ ھەسەنجاننىڭ دوستىغا زور پايدا ئېلىپ كەلگەن.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تۈر باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ھەسەنجان مەمەت خىزمەتتىن بوشىغان ۋاقىتلىرىدا بېيجىڭدىكى بەزى شىركەتلەرنى يۇرتىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىگەن. ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ: ‹مەن يۇرتۇمنىڭ بايلىق ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىمەن. شۇڭا شىركەتلەرنى يۇرتۇمغا مەبلەغ سېلىشقا ئۈندەش ھەر ئىككى تەرەپكە قوش ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ. بىزنىڭ بايلىق مەنبەيىمىز بار، بىزنىڭ كۈچىمىز بار نېمىشقا تەرەققىي قىلالمايمىز؟ بىزدە يەنىلا ئوي پىكىر -كەمچىل. يۇرتداشلارنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن نامرات بالىلارنى ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئامما بىلىمگە ئىگە بولغاندا، نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەندە ھەممەيلەن بىرلىكتە تەرەققىي تاپقان گۈزەل يۇرت بەرپا قىلالايمىز› دېدى.

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
مەن تاڭسىڭ ئەمەس
ئايال رازۋېتچىك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
قورىقماس رەقىپل...
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /article/hawar_2675.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
ئابدۇغىنى خال ئاقيول تورىدا زىيارەتتە!
ئاقيول تورىنىڭ يانفۇن تور بىكىتى ئىچىۋىتىلدى!
خوش-خەۋەر ئاقيول ئۈندىدار (微信) سالۇنى قۇرۇلدى
ئۈرۈمچى شەھىرى 23يۈرۈش«كۆچمە كىنوخانا»كىرگۈزد...
ئىراقنىڭ ئايال ساقچىلىرى 91 يىللىق بايرىمىنى ت...
شىزاڭدا 3.2 بال يەر تەۋرىدى
چاڭشادا قۇراللىق ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى
سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم غەلىتە ئىشلار
بۇلار پراۋىنى قانداق ئالغان بولغىيتى؟
يۈننەندىكى سىرلىق كۆل
پەلەستىن نامىنى رەسمىي ھالدا «پەلەستىن دۆلىتى...
بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونىنىڭ قىشلىق مەنزىرىسى
ئۈرۈمچىدىكى ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بۇلاڭ...
چېڭ لوڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى تەرتىپسىز تۇرمۇشىنى...
نەنسەن چوڭ جىلغىسىنىڭ قىشتىكى مەنزىرىسى
ئىلگىركى ‹دۇنيادىكى ئەڭ سىمىز ئادەم ›ئورۇقلاپ...
20 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئايال ئۆزىنىڭ 6 ئايلىق ئو...
ئالياسكىدا 7.8 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن 4.7 بال قا...
نوجىيانىڭ زىيىنى 3 مىليارد ياۋرۇپا پۇلىغا يەتت...
نوجىيا Lumia PLAY Xbox WP8 ئۇقۇمى يانفۇنى ئاشكارلاندى!...
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
مالايسىيا نېفىتى 2012-يىللىق شىنجاڭ مۇھاكىمە يى...
مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى 73 يېشىدا بىز بىلەن ...
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياردەم بېرىش كارت...
ھەسەنجان بېيجىڭ فاڭشەن رايۇنىدا مۇئاۋىن ئەمەل...
ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئاممىۋى قاتناش كارتىسى» يول...
ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا بار...
ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 2- قېتىم توردا ئار...
شىنجاڭدا ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يام...
مۇھەممەتجان سادىق كېسەل بىلەن 78 يېشىدا ۋاپات ب...
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا(مەھەللە)لەرگە 1658 ...
ئۈرۈمچىدە ساختا كىر يۇيۇش پاراشوكى ياساش ئۇۋى...
بۇ يىل 8-ئايدا ش ئۇ ئا ر دا «لەغمەن بايرىمى» ئۆت...
ئۈرۈمچىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى 500 مىڭد...
شەھەرلىشىش ۋە مەرھۇم روزى سايىتنىڭ بىر پارچە ش...
ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاچقۇچلۇق...
شىنجاڭنىڭ تۇرپان شەھىرىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز ب...
994 كۇرسانت ئۈرۈمچىدىكى يېڭى قۇرۇلغان 100 مەھەلل...
ئۈرۈمچىدە تور بېكەتلەر ئەنگە ئېلىنىدۇ
ش ئۇ ئا ر 10 - قېتىم ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تە...
شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسى ناھىيە ئىسمىنى «دولان ن...
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号