ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
مۇخبىرىمىز خالىدە ئوبۇلنىڭ 3 – ئىيۇل ئېچىلغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلەنگەن كۇرسانتلارنى تەقدىرلەش ۋە ئۇلارنى مەھەللىلەرگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلەنگەن 994كۇرسانت 3 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان 100 مەھەللىگە خىزمەتكە چۈشىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 1000ئىستۇدېنتنى جياڭشى، ئەنخۇي، لياۋنىڭ، جىلىن قاتارلىق تۆت ئۆلكىگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتكەن. بىر يىل تەربىيەلىنىش جەريانىدا كۇرسانتلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى – سانجىپارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن تەربىيەلىنىپ كەلگەن كۇرسانتلارنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلاردىن مەھەللىلەرگە خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن مەھەللىنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھەممە ئىشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ئاممىنى ھەقىقىي رازى قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.