ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى مەرھۇم روزى سايىتنىڭ ۋاپاتىغا بۇ يىل 11 يىل بولاي دەپتۇ، ئەمما شائىر توغرىسىدىكى پىغانلىق ئەسلەشلەر ۋە بەس-مۇنازىلەر تېخىچە توختاپ قالغىنى يوق، مەيلى چوڭلار ۋە ياكى ئوتتۇرا ياشلىقلار بولسۇن، ھەممىسى بىر ئېسىل كىشىنىڭ ياشلا كېتىپ قالغىنىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. بىز مۇشۇنداق مەدەنىيەت جىددىي تۈردە يۇغۇرۇلۇۋاتقان، شەھەرلىشىشنىڭ قاينىمى ئاستىدا بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي شارائىتتا شائىر ئەينى يىللىرى يازغان «توۋا دەيمەن» ناملىق شېئىرىنى قايتا كۆرۈپ چىقىش ۋە مۇلاھىزە قىلىشنى زۆرۈر تاپتۇق.
شەھەرلىشىش بىلەن مەدەنىيلىشىش بىر ئۇقۇم ئەمەس، ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەھەرلىشىۋاتىدۇ، ئەمما مەدەنىيلىشىش قەدىمىنى يىراق تارىختا يەنى باشقىلار تېخىچە ياۋايى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان دەۋردىلا بېسىپ بولغان. شۇڭا، شەھەرلىشىش داۋامىدا ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئاتالمىش مەدەنىيەتنىڭ قۇربانى قىلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.
شائىر ھەققىدە:
شائىر روزى سايىت شائىر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيىسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانىسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە «چايخانا » (ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇغان .شۇنىڭدىن كىيىن ئون نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان ، 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرو يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن .1980-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولغان.
روزى سايىت 1973-يىلدىكى «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى » ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن . ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت -ژۇرناللاردا «چۈشنامە»قاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى،1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە رۇبائىيسى ،«بارات يازغان ھېكايە»قاتارلىق بىرقانچە بارچە ھېكايىسى «ئەتەبەتۇل ھەقايىقنىڭ شېئىرى يەشمىسى » «ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى شەكىللەر توغرىسىدا »قاتارلىق ئىلمى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ، جامائەت .ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.«قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى »«بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن »، «مەرھابا » «ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش » «كۆڭۈلدىكى گەپلەر » «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار »،«رۇبائىيلار » «تۇيۇقلار » «خىيادىن تۆرەلگەن خىياللار » «دېھقان كۈلكىسى » «پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى » قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىندى .روزى سايىتنىڭ يەنە «ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ » «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە » «بۇ خوتەن مەن خوتەن قىزى »قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭ يېزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا .بىر قىسىم شېئىر،ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى.
شائىرنىڭ« دېھقان يىغلايدۇ » «چۈشنامە » «باللار پۇلغا زار چېرىكلەر بەدخەچ» «بارات يازغان ھېكايە » «يىپەك يۇرتىدا نورۇز »قاتارلىق داستان ،شېئىر ،ھېكايە ۋە تېلېۋىزىيە بەدىئىي سەنئەت درامىلىرى ،«بۇ جاھان » «جاھان كەڭرى يول كەڭرى »ناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ،ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى .ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «دېھقان بولماق تەس »ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشر قىلىنىپ نەچچە ئونمىڭ نۇسخا تارقىتىلدى.
خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھىرىدە ۋاپات بولدى .مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ،ئاپتونوم رايونلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى . خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقىتىش . شائىر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
توۋا دەيمەن
روزى سايىت
توۋا دەيمەن بۇ بىر ئەۋلاد كىملىشىپ كەتتى،
ۋېجدانىنى شور بېسىپ،زەي چىملىشىپ كەتتى.
قەشقەر،خوتەن ئاش تۇزىدا ئەتلەنگەن تۇرۇپ،
يۈرۈش-تۇرۇش، ئوي -پىكىردە رىملىشىپ كەتتى.
يىگىتلىرى ئەردەك ئەمەس ،روھى زەيپانە،
ئەقلى پۇلپەز، غۇرۇرى دەز، نېملىشىپ كەتتى.
قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس شەرمى-ھايا كەم،
بېشى چۇۋۇق ،كۆكسى ئوچۇق شىملىشىپ كەتتى.
تەڭلا ئەتە خۇسۇسىيغا لەۋزى پاراڭ يوق،
جىسمى كەيىپ -ئىشرەت بىلەن يىملىشىپ كەتتى.
بىشارەت بۇ گۇمرانلىقتىن يېتەر غاپىللق،
بۇ قىسمەتتىن ھەممە بىرلە جىملىشىپ كەتتى.