ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
29-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدىكى 10 ماددىلىق مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنى چىقاردى.
بۇنىڭ ئىچىدە 6-ماددىسىدا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلىش ۋەدىسى بېرىشى ياكى ئالدىن قوبۇل قىلىش كېلىشىمى ۋە ياكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتى ، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن كەسىپنى يېڭىباشتىن تاللاش دېگەن ۋەدىلەر بىلەن ئوقۇغۇچلارنى جەلپ قىلىشى مەنئىي قىلىنىدۇ، جامائەتچىلىك بۇ مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى بىرقانچە چوڭ داڭلىق مەكتەپكە قارىتىلغان دېيىشتى.
22-ئىيۇن سەھەردە سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇراتتى، مەلۇم بىر تاراتقۇ ئالدىن ئىگىلىگەن خەۋەر بويىچە فۇشۇن ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، بىر ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلدى، چۈنكى ئۇلار بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلىيۇل ئەلا بولغانلىقى ھەققىدە ئالدىن ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ئىدى، ئەمما 4 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئۇچۇرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئايان بولدى، نەتىجىسى خېلى ياخشى بۇ ئوقۇغۇچى ئەسلى ئالدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولغان ئىدى، ئەمما ھەقىقىي نەتىجە چىققاندىن كېيىن ئۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ناھايىتى ئوڭايسىز ھالەتتە قالدى.
ئادەتتىكى قائىدە بويىچە بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەسلىكى كېرەك، چۈنكى كۆپ يىللاردىن بۇيان، مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى قايتا قايتا بۇيرۇق چىقىرىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇقىرى نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلارنى داغدۇغا قىلىشىنى مەنئىي قىلىپ، جايلاردىن ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن نومۇرى بىرىنچى بولغانلارنى ئېلان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلدى، ئەمما بۇ بۇيرۇقلار كار قىلمىدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، بەلگىلىمىگە ئاساسەن جايلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئىدارىلىرىنىڭ ئۆزى خالىغانچە سىرتقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرىنى ئاشكارىلاش ھوقۇقى يوقكەن، نۇرغۇن داڭلىق مەكتەپلەر بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇللاش ئىدارىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئازراق مۇناسىۋەت بولغانلىقتىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا يۇقىرى نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن بىلىۋېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەسكەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر يۇقىرى نومۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان،جۈملىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى كەسىپكە ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن، مەزكۇر مەكتەپتىكى داڭلىق پروفېسسورلارنى ئۇلارغا بىۋاسىتە تېلېفون بەرگۈزگەن ياكى يۈز تۇرانە پاراڭلاشقان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىكى ئەلىيۇل ئەلالارنى داغدۇغا قىلماسلىق، تالاشماسلىققا كېلىشكەن، بۇ ئادىل، تازا قوبۇل قىلىش مۇھىتى يارىتىشقا باشلامچى بولغان، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ چاقىرىقنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
2012-يىلنىڭ بېشىدا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى تاراتقۇلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئاچتى، مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى تاراتقۇلارغا : مۇشۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى يۇقىرى نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بەزى رايونلاردىكى يۇقىرى نومۇرلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شياڭگاڭدىكى داڭلىق مەكتەپلەر ۋە چەتئەللەردىكى مەكتەپلەرنى تاللاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
شياڭگاڭ ۋە چەتئەللەرنىڭ يۇقىرى سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئېچىۋېتىلگەن، كۆپمەنبەلىك ئوقۇتۇش مۇھىتى ھەقىقەتەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلدى.
بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خادىمى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شياڭگاڭدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ھېچقانداق چەكلىمىسى يوق، ئۇلار ئوقۇتۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ، ئەمما ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
شۇڭا تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: 29-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقى چىقارغان 10 تۈرلۈك مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىدا ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن يېڭى ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى مەنبىيىنى جەلپ قىلىشى مەنئىي قىلىندى، بۇ جەھەتتە شياڭگاڭدىكى داڭلىق مەكتەپلەر تېخىمۇ ئۈستۈنلىككە ئىگە.
ئەلۋەتتە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە رىقابەت ۋە بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقىنى شياڭگاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرلا ئەمەس. چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرمۇ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلدى، ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان 20 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇغان.
بۇنداق نەتىجە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بۇنداق بىر رىيال تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىر جەھەتتىن، داڭلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىشتىن ۋاز كېچىش سەۋەبىدىن بوش قالغان ساندىن قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش، سىياسەت قاتلىمىدىن ئىلمىي تەڭشەش ئېلىپ بېرىش، يەنە بىر جەھەتتىن چەتئەللەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر رىقابىتىگە ئاقلانىلىك بىلەن قاراپ، پائال تاقابىل تۇرۇش.
مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچى مەنبىيىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىگە ئوبيېكتىپ قاراش كېرەك، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ياخشى مەكتەپلەردە تەربىيەلىنىدۇ ، ئۇلارنىڭ ناھايىتى نۇرغۇنلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كېلىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق مەكتەپلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەسلىدىكى مونوپوللۇقنى بۇزۇپ تاشلاش ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىشنى مائارىپ سۈپىتىنى ياخشىلاشتىن باشلاش كېرەك، شياڭگاڭدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى، بولۇپمۇ يۇقىرى نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلالىشى ھەرگىزمۇ يۇقىرى سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، ئاساسلىق سەۋەب ــ مەكتەپنىڭ مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن مائارىپ مەزمۇنىدا، ئەگەر ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر يۇقىرى نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ مائارىپ سۈپىتى ۋە قارىشىدىن سەۋەنلىك ئىزدىمىسە، ئۇلار ئوقۇغۇچى مەنبىيى رىقابىتىدە داۋاملىق مەغلۇپ بولىدۇ.