ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون 29-ئىيۇن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ تەڭشەلگەنلىكى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 10-قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى سىياسىتىنى ئېلان قىلدى، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى مائاش ئۆلچىمى بۇ يىل 1 - ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئىككى خىلغا ئايرىلغان. بىرىنچىسى، ئەمگەكچىلەر ئۆزى تاپشۇرغان كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى (ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1340 يۈەن، 1140 يۈەن، 1060 يۈەن، 980 يۈەندىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىلىپ، ئىلگىرىكى ئۆلچەمدىكىدىن 180 يۈەن ئۆسكەن، ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى %95.18 بولغان؛ ئىككىنچىسى، «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1085 يۈەن، 895 يۈەن، 820 يۈەن، 745 يۈەندىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىلىپ، ئىلگىرىكى ئۆلچەمدىكىدىن 021 يۈەندىن 125 يۈەنگىچە ئۆسكەن، ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى %16 .61 بولغان.
بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 13.4 يۈەن، 11.4 يۈەن، 10.6 يۈەن، 9.8 يۈەندىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىلىپ، ئىلگىرىكى ئۆلچەمدىكىدىن 1.8 يۈەن ئۆسكەن، ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى %18.56 بولغان.
تەڭشەلگەندىن كېيىنكى »ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند«نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جايلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ئۆلچىمى، ئەڭ تۆۋەن ئاساسىي كۈتۈنۈش كاپالەت سوممىسى، ئىشتا يارىلانغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مېيىپلىك ياردەم پۇلى ۋە پاراۋانلىق ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تەمىناتلىرىنى بېكىتىشىدە تەتبىقلىنىدىكەن.
ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا، يەككە ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار، كارخانىلار قاتارىغا كىرمەيدىغان پۇقراۋى ئورۇن قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچىلەرگە ماس كېلىدىكەن؛ دۆلەت ئورگىنى، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىمۇ مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۇزارتىلغان خىزمەت ۋاقتىغا بېرىلىدىغان مائاش؛ چۈشلۈك، كېچىلىك ئىسمېنا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قۇدۇق ئاستى، زەھەرلىك، زىيانلىق پەۋقۇلئاددە خىزمەت مۇھىتى ۋە شارائىتىدا ئىشلەيدىغانلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل؛ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.