ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، شىنجاڭدىكى سانسىزلىغان ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ تەلەپچان، مېھرىبان ئۇستازى، ئىلى ۋە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان پىشقەدەم پىداگوك مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تەخمىنەن كەچ سائەت 6:30 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 78 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى، ئىلى شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ئەدەبىيات، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمى ھال سورايمىز. ئۇستاز مۇھەممەتجان سادىق خەلققە تەقدىم قىلغان ئېسىل مەنىۋىي ئەمگەكلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
مەرھۇم مۇھەممەتجان سادىق 1934-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1954-يىلى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى)نىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن،قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ باشقارمىسى، غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرغان. ئۇ ئىلى 1-دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى «ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى» بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى قۇرۇش خىزمىتىنى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ ۋە پاكۇلتىت مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىلى ۋە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھىرمەن بولىدىغان مۇتەخەسىس ئىدى. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا يەنە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى قاتارلىقلارنى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ئىلىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنتايىن كۆپ سەمەرىلىك نەتىنجىلەرگە قول يەتكۈزگەن ئىدى.
مەرھۇمنىڭ ئىجادىيىتى 1952-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى ئۇ «نان»، «يېزا يولىدا» ناملىق داڭلىق شىئېرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئۈمىدلىك، تالانتلىق ياش شائىر دەپ قارالغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇ بىزگە «زۇلپىقار» (ئۈچ قىسىملىق رومان)، «بوز ئەر» (ئىككى قىسىملىق رومان)،«توققۇز قەۋەت مۇنارنىڭ سىرى» (رومان)، «ئىلى پەرزەنتلىرى»(شىئېرى رومان)،«قېلىن قاردىكى ناخشا» (شىئېرلار توپلىمى)،«تەڭرىتاغ ناخشىسى» (شىئېرلار توپلىمى)، «ۋاپا ۋە مەرتلىك» (داستانلار توپلىمى)،«يۇلغۇن» (داستانلار توپلىمى)، «تۇلپارغا مىنگەن چەۋەنداز»(داستانلار توپلىمى)، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» (ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىكى) قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ «نان»، «يېزا يولىدا»، «چىن مۇھەببەت»،«ستودىنىتلار»،«كروران گۈزىلى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇن ۋە مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ئىدى..
مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا يەنە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت – تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.