ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى . 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 0 دە ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى نۇسخىسىدىكى iPhone5 يانفونى شىنجاڭدا رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى . شۇ كۈنى سائەت 0 دە ، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئۈرۈمچىدە iPhone5 نىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى . بۇ قېتىم شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى خېرىدارلارغا 16GB لىق ، 32GB لىق ۋە 64GB لىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۆلچەملىك iPhone5 يانفونىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ، 16GB لىقىنىڭ توختامدىكى باھاسى 5899 يۈەن ، 32GB لىقىنىڭ 6899 يۈەن ، 64GB لىقىنىڭ 7899 يۈەن ئىكەن .
شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى خادىملىرىدىن ئىگىلىنىشچە ، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ 158 دانە iPhone سېتىش تور نۇقتىسى ۋە توردىكى تىجارەت زالىدا 14-دېكابىر سەھەر سائەت 0 دىن باشلاپ iPhone5 يانفونىنى سېتىش باشلانغان ، ھەمدە ئالدىن زاكاز قىلغان خېرىدارلارغا سوۋغاتلىق بۇيۇم تارقىتىلغان . شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى 16GB لىق ، 32GB لىق ۋە 64GB لىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۆلچەملىك iPhone5 يانفونىنى بازارغا سالغان ، شۇنداقلا يەنە "سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرسا يانفون سوۋغا قىلىش" توختام لايىھەسى ۋە "يانفون سېتىۋالسا سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىش" توختام لايىھەسى قاتارلىق ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويغان . بۇنىڭ ئىچىدە ، 16GB لىق نۇسخىسىنى سېتىۋىلىشتا 386 يۈەنلىك ئىككى يىللىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى(套餐) تاللىغانلارغا يانفون ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدىكەن ؛ 32GB لىقىنى سېتىۋىلىشتا 286 يۈەنلىك ئۈچ يىللىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى (套餐)تاللىغانلارغا يانفون ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدىكەن .

شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى iPhone5 يانفونىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى چېن جىچيۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى iPhone5 يانفونىنى ئۆچرەتنىڭ ئەڭ بېشىدىكى سېتىۋىلىشنى ساقلاۋاتقان خېرىدارنىڭ قولىغا بەرگەن ، ھەمدە ئۇنىڭغا خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىپ بەرگەن .

