ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

ماتېرىيال سۈرىتى: ياپونىيە قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئەترىتى غەربىي جەنۇب ئادەتتىكى بىرلەشمە قىسمى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى گۇئام ئارىلىدا ئارال ئىگىلەش مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكتە.
ئامېرىكا «مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 24- سېنتەبىردىكى سانىدا «مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئارال ماجراسى توغرىسىدا بەش تۈرلۈك ئېھتىماللىقنى مۇزاكىرە قىلدى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى مۇناسىۋىتى كۈنسېرى جىددىيلەشمەكتە، بۇ ئەھۋال بەلكىم ئۇرۇشقا تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرىدا ئامېرىكىنىمۇ جۇڭگوغا قارشى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىر قانچە مۇتەخەسسىس جۇڭگو- ياپونىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەمدە ئامېرىكىنى بۇ ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىدىغان بەش خىل ئەھۋالنى يەكۈنلەپ چىقتى: بىرىنچى، جۇڭگونىڭ دېڭىز نازارەتچىلىك پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دېڭىز قوغدىنىش نازارىتىنىڭ پاراخوتلىرى بىلەن دىياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىزدا سوقۇلۇپ كېتىش، جۇڭگو ياپونىيەدىن كەچۈرۈپ سوراش ۋە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ياپونىيە بۇنى رەت قىلىش

ئىككىنچى، جۇڭگونىڭ دېڭىز نازارەتچىلىك پاراخوتلىرى دىياۋيۈ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە ياپونىيەنىڭ زىتىغا تېگىدىغان چارلاش ئېلىپ بېرىش، ياپونىيەنىڭ دېڭىز قوغدىنىش نازارىتىنىڭ پاراخوتلىرى بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، جۇڭگو ياپونىيەنىڭ دېڭىز قوغدىنىش نازارىتىنىڭ پاراخوتلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش.

ئۈچىنچى، جۇڭگو پۇقرالىرى ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ ياردىمىدە دىياۋيۈ ئارىلىغا چىقىش، ھەمدە شۇ يەردە چېدىر تىكىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى قاداش. ياپونىيە تەرەپ ئۇلارنى تۇتۇشقا ئۇرۇنغاندا ئۇلار قارشىلىق كۆرسىتىش، ھەمدە ئارالدىن ئايرىلىشنى رەت قىلىش. كېيىن بۇ توقۇنۇشنىڭ كۆرۈنۈشى جۇڭگودا تارقىلىپ، ياپونغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىس قوزغىلىش. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيەدىن ئارالغا چىققانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ھەمدە ياپونىيەنىڭ جۇڭگودىكى كارخانىلىرىغا قارىتا تاللاش خاراكتېرىدە جازا قوللىنىش.

تۆتىنچى، جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارال زەنجىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە راست ئوق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانىغا يېقىنلىشىپ ھەيۋە قىلىش. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ چۆكمە پاراخوتلىرى زەمبىرەكلىرىنى ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ ئايروپىلانلىرىغا توغرىلاش. ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن، ئىككى تەرەپ ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش.

بەشىنچى، جۇڭگو بېلىقچىلار كېمىسىدىن سەپ تۈزۈپ، ياپونىيەنى ساقچى كۈچى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش، ھەمدە بۇ ئەھۋالنى قورال ئىشلىتىشنىڭ باھانىسى قىلىش.

ماقالىدە جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۇرۇشۇپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقى ئانالىز قىلىندى. «دېڭىزدىكى سەددىچىن» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بېرناند كول مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئارال ماجىراسىغا قارىتا ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمايمىز دېگەن بولغاچقا، ھەمدە ئامېرىكا- ياپونىيە بىخەتەرلىك قوغداش شەرتنامىسى يەنە بۇ ئاراللارغا ماس كېلىدىغان بولغاچقا، بۇ مەسىلىگە جاۋاب بەرمەك تولىمۇ قىيىن.