ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: جۇڭگونىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق تۇنجى ئاۋىئاماتكىسى 25- سېنتەبر رەسمىي سەپكە قوشۇلدى. «تارىخ 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى شۇنىڭدىن باشلاپ ئاۋىئاماتكا دەۋرىگە كىردى.» «لياۋنىڭ» ناملىق تۇنجى ئاۋىئاماتكىنىڭ باشلىقى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پودپولكوۋنىكى جاڭ جىڭنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى جۇڭگو تاراتقۇلىرىدا كەڭ كۆلەمدە نەقىل كەلتۈرۈلىۋاتقان پەيتتە، خەلقئارادىكى جامائەت پىكرى مۇھىتىنىمۇ «جۇڭگونىڭ ئاۋىئاماتكا كۇلۇبىغا كىرگەنلىكى» دەك ئۇچۇرلار قوچۇۋەتتى.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: ئاۋىئاماتكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى جۇڭگونىڭ «كۆك سۇ دېڭىز ئارمىيەسى» قۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تۇنجى ئاۋىئاماتكىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈۋاتقان چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو شۇنىڭدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتېتىدىكى ئەڭ كەينىدە ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بولغان دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ قالدى.
يەنە نۇرغۇن ئانالىزدا جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ بىر مەزگىلگىچە جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولالمايدىغانلىقى، بۇنىڭ پەقەتلا بىر «قەغەز يولۋاس» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئەمما ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ «يېڭى قەدەم ئالغان ئاۋىئاماتكا» زور سىمۋۇللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ بۇ دۆلەتنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشكە ئۆتۈشىدىكى «تۇتىمى» بولۇپ، جۇڭگونى دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

جۇڭگو بىلەن دىياۋيۈ ئارىلى توغرىسىدا كەسكىن توقۇنۇشىۋاتقان ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىنكاسى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولدى. ياپونىيە «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر» دە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشى دۆلەتنىڭ ھەيۋىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ياپونىيەگە بېسىم قىلىش غەرىزىگە ئىگە.

جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى، گېنېرال مايور لو يۈەن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتا ھەيۋە قىلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىش بىھاجەت، بۇ ئاۋىئاماتكىنى دىياۋيۈ ئارىلىنى قوغداشقا ئىشلىتىش ئېنىقكى «گۆھەرنى تاش ئورنىدا ئىشلەتكەنلىك» ھېسابلىنىدۇ.